UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئۆمەرباي ھاجى ئاخۇنبايوۋ

ئۆمەرباي ھاجى ئاخۇنبايوۋ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئۆمەرباي ھاجى 1870 - يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى ئاخۇنبايوۋ ئوغلى ئىسمائىل (پاختا) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قەشقەر چاسا ۋە خانلىق مەدرىسلەردە دىنىي بىلىم ئالغان. 1896 - يىلىدىن باشلاپ ئاكىسى كىرىمباي ھاجىم بىلەن چارروسىيە، ئەنگىلىيە، ھىندىستان، ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سودا شەھىرىدە ۋە ئىچكى ئۆلكىنىڭ سىچۇەن، جىڭدۇ، سۇجۇ، خاڭجۇ، خەنكۇ، ۋۇۋى، جاڭيې قاتارلىق جايلاردا سودا ساراي، دۇكان قۇرۇپ ۋاكالەتچىلەر تۇرغۇزۇپ سودا قىلغان. ئۆمەر باي ھاجىنىڭ روسىيىدە تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىلى مامۇت ئاخۇن (قاپاق) ئاكىنىڭ مالۇماتىغا قارىغاندا، 1929 - 1930 - يىللاردىكى بىر يىللىق روسىيىگە چىقارغان مال سوممىسى 11 مىليون روبلى (ئۇ يىللاردا روبلىنىڭ قىممىتى ئۈستۈن بولغاچقا، روبلى خەلقئارا پۇل ياكى ئالتۇن پۇل ھېسابلىنىپ، روسىيە بىلەن بولغان مۇئامىلە روبلى بىلەن ئۆلچىنەتتى) بولغان. ئاشۇ يىللاردا بىر روبلى بىر سوم تىللا ھېسابلىناتتى. 10 روبلىغا 10 سوملۇق بىر تىللا كېلەتتى. بۇنىڭدىن باشقا ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان، كەشمىر، راۋالپىندى ۋە ئىچكى ئۆلكىدىكى سوممىسىمۇ غايەت زور بولغان. ئۆمەرباي ھاجىنىڭ چەت ئەلدىلا 36 سودا ساراي، دۇكانلىرى بولغان. پەن زوخۇەن يېزىپ قالدۇرغان، سىياسىي كېڭەش تارىخىي ماتېرىياللىرى 1 - سانىدا ئېلان قىلغان «ئازادلىقتىن بۇرۇنقى شىنجاڭ سودىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» دېگەن ماقالىسىدا: «شىنجاڭ سودىسىدا، ھۈسەنباي، ئۆمەربايلار ھەممىدىن چوڭ سودىگەرلەر ئىدى. بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ سودىسى ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئىدى. بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ سودىسى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى دۆلىتىمىزدىكى سودىگەرلەر ئىچىدىمۇ بىرىنچىلىككە ئۆتەتتى» دېگەن باھاسى ئۆمەر باي ھاجى سودىسىغا بېرىلگەن توغرا باھادۇر. ئۆمەر باي ھاجى 1937 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۆمەرباي ھاجى ئاخۇنبايوۋ | UyghurWiki | UyghurWiki