ئىسھاق ۋاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
چيەنلۇڭنىڭ 32 - يىلى (1767 - يىلى) يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بەشىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىسھاق ئىنانچخان دەرىجىلىك دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، 1771 - يىلى بېيجىڭگە بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ. خان 1773 - يىلى ئىسھاقنى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىلىغا، ئىلى جاڭجۇنى شۇخۇدېنىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ. 1776 - يىلى قۇمۇلغا قايتىپ كېلىپ ۋاڭلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 1780 - يىلى ئىسھاق ۋاڭغا چېچەك چىقىپ ۋاپات بولىدۇ. ئىسھاق ۋاڭ دەۋرىدە ئارىتام، باغداش باغلىرىنىڭ ئوردا قۇرۇلۇشلىرى، باغ قۇرۇلۇشلىرى پۈتىدۇ. تۈرلۈك كۆچەتلەر تىكتۈرۈلىدۇ. شەھەر ئىچىدە تۇغلۇق مازار (سۇلتان سېيىت ئەخمەت بەلىخى) نامىدىكى مەسچىت سېلىنىدۇ.