زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
زەھىرىددىن بابۇر 1483 - يىلى فەرغانە ۋىلايىتى ئاخسىدا تۆمۈرىلەر ئەۋلادىدىن بولغان ئۆمەر شەيخ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆمەر شەيخنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سەئىد مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان مەھمۇد مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى مىرانشاھ مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاقساق تۆمۈردۇر.
بابۇر ئانا تەرپتىن يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ۋە «تارىخى رەشىدى» نىڭ ئاپتورى مىرزاھەيدەر بىلەن نەۋرە بولىدۇ. چۈنكى، بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگارخانىم، سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئاتىسى ئەھمەدخان، مىرزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى خۇبىنگار خانىملارنىڭ ھەممىسى چاغاتاي ئەۋلادىدىن يۇنۇسخاننىڭ بالىلىرى ئىدى.
بابۇر 1494 - يىلى 12 ياش ۋاقتىدا ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن فەرغانە پادىشاھى بولىدۇ. بابۇر تەختكە چىققان مەزگىل _ تۆمۈرىلەر سۇلالىسى پارچىلىنىپ، مۇنقەرزلىككە يول تۇتقان، ئۆزبېك خانى شەيبانىخان كۈندىن - كۈنگە زورىيىپ، ماۋەرائۇننەھرنى ئىگىلەشكە كىرىشكەن مەزگىل ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ ياش بابۇر تۆمۈىلەر سۇلالىسى سەلتەنەتنى قوغداپ قېلىش كۈرىشىگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىرى ماۋەرائۇننەھردە پۇت دەسسەپ تۇرالماي، كابۇل ۋە غەزنىگە چېكىنىدۇ ۋە ئۇ يەرنى ئىشغال قىلىدۇ. بابۇر 1506 - يىلى خۇراساندىكى سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىشىپ، ماۋەرائۇننەھرنى قايتۇرۇۋېلىش نىيىتىدە ھىراتقا بارغان ۋە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، نەتىجىدە چىقىرالمايدۇ. ئەكسىچە، 1507 - يىلى خۇراسان شەيبانىخانغا بېقىنىدۇ. 1511 - يىلى بابۇر ئىسمائىل شاھنىڭ ياردىمى بىلەن ماۋرەرائۇننەھرنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بابۇر تۆمۈرىلەر سەلتەنىتىنى قايتا تىكلەش ئۈمىدىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز ئالدىغا ئىمپېرىيە قۇرۇش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ كابۇلدىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ھىندستانغا يۈرۈش قىلىدۇ. 1526 - يىلى دېھلى ۋە ئەگرەنى ئىشغال قىلىپ، ھىندىستاندا تاكى 1761 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن، تارىختا «ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى» دەپ ئاتالغان ئىمپىرىيىنى قۇرىدۇ.
زەھرىددىن مۇھەممەد بابۇر 1530 يىل 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئەگرەدە ۋاپات بولىدۇ، جەسىتى كېيىن كابۇلغا قويۇلىدۇ.
بابۇر 1506 - يىلى ھراتقا بارغىنىدا ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئۇنسىيە دەپ ئاتىلىدىغان ئۆيىدە تۇرىدۇ. بابۇر ئۇ يەردە نەۋائى ئىجادىيىتى بىلەن تەپسىلىي تونۇشىدۇ ھەمدە نەۋائى دىۋانلىرىدىن تاللانما دىۋان تۈزىدۇ. نەۋائى ئىجادىيىتى ئۇنىڭ كېيىنكى ئەدەبىي پائالىيىتى ئۈچۈن زور ئىلھام بولۇپ قالىدۇ.
مەلۇمكى، بابۇر شېئىر ئىجادىيىتىدە ئەنە شۇ مەزگىللەردىلا تونۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ شېئىرلىرىنى چاغاتاي تىلى ۋە پارس تىلىدا يازغان، غەزەل ژانىرىغىلا ئەمەس، باشقا ژانىرلارغىمۇ مۇراجىئەت قىلغان.
«بابۇرنامە» دىن مەلۇمكى، بابۇر ئۆزىنىڭ تۇنجى شېئىرىي دىۋانىنى 1519 - يىلى كابۇلدا تۈزگەن، ئىككىنچى دىۋانىنى 1528 - 1529 - يىللىرى ھىندىستاندا تۈزگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بارلىق لىرىك مىراسىنى، يەنى ئىككى دىۋانغا كىرگەن ۋە كىرمەي قالغان شېئىرلىرىنى تولۇق دىۋان ھالىتىگە كەلتۈرگەن، لېكىن، ئۇنىڭ بۇ تولۇق دىۋانىنىڭ تەقدىرى ھازىرغىچە نامەلۇم.
بابۇرنىڭ دىۋانلىرى ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن لىرىك ئەدەبىي مىراسى 364 پارچە ئەسەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ 114 پارچىسى غەزەل، 201 پارچىسى رۇبائى ژانىرىدا يېزىلغان، قالغىنىنى قىتئە تويۇق ۋە فەردلەر تەشكىل قىلىدۇ.
بابۇر ئۆزىنىڭ مەسنەۋىلىرىنى «مۇبەييىن»، «ۋالىدىيە» نامى بىلەن ئىككى توپلام قىلىپ چىققان.
زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ لىرىك مىراسى ژانىر ۋە مەزمۇن جەھەتتىن كۆپ خىللىقى ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، مۇئەللىپنىڭ مۇرەككەپ دۇنيا قارىشىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ لىرىك مىسرالاردا ساددا تىل، راۋان ئۇسلۇبتا يېزىلىشتەك، ئىجتىمائىي - تارىخىي مەزمۇن بىلەن بەدىئىيلىكنىڭ جىپسىلىشىپ كېتىشىدەك ھالەت كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بۈ شائىرنىڭ ھاياتقا بولغان مۇناسىۋىتى بىلەن باغلىق بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ يەنە شائىرنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبىنى بەلگىلىگەن.
زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر شېئىرىي مىراسلاردىن باشقا يەنە ئارۇز، مۇزىكا، ھەربىي ئىشلارغا ئائىت رىسالىلەرنى ھەمدە دۇنيادىكى مەشھۇر ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان «بابۇرنامە» ناملىق ئەسلىمىنى يېزىپ قالدۇرغان.
«بابۇرنامە» دېگەن بۇ ئىسىم كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇقىملاشقان بولۇپ، ئۇنڭدىن ئاۋۋال بۇ ئەسەر تۈرلۈك مەنبەلەر ۋە نۇسخىلاردا «ۋاقىئاتى بابۇرى»، «تۈزۈكى بابۇرى»، «تەۋارىخى بابۇرى»، «بابۇرېىيا» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. بابۇر بولسا ئۆز ئەسىرىدە ئۇنى «تارىخ»، «ۋەقائى» دەپ ئاتايدۇ.
زەھىرىدىدىن مۇھەممەد بابۇر «بابۇرنامە» دە ئۆزىنىڭ 12 يېشىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي دېگۈدەك جەڭ ۋە ھەربىي يۈرۈش بىلەن ئۆتكەن جەڭگىۋار، تىنىمسىز، شۇنداقلا، سەرگۈزەشتىلەرگە باي ھاياتىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى، ئۆزى قاتناشقان ياكى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان جەڭلەر، ۋەقەلەرنى، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئۆزى بىلىدىغان پادىشاھ، ىان، مىرزا، بەگلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى؛ ئۆزىنىڭ ھېس - تۇيغۇ ۋە تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى ھەم باشقا كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى بايان قىلىدۇ.
«بابۇرنامە» ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، ھىندىستان قاتارلىق جايلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى مول، پاكىتلىق ماتېرىياللار بىلەن تولغان بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدا يەنە بۇ جايلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، ئېتنوگرافىيىسى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلارمۇ ھەر تەرەپلىمە يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، بۇ ئەسەر ئاللىبۇرۇنلا دۇنيادىكى شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، نۇرغۇنلىغان ئالىملار ئۇنى تەتقىق قىلىپ، «ئاسيادىكى بايان قىلىنغان ماتېرىياللار ئېنسكلوپىدىيىلىك خاراكتېرىگە ئىگە»، «دۇنايۋى مەشھۇر ئەسەر» دېگەبدەق سۆزلەر بىلەن تەرىپلىگەن.
«بابۇرنامە» نىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىدىن، ئۇنىڭ 1518 - 1519 - يىللاردىن باشلاپ يېزىلىشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. چۈنكى ئاپتور شۇ يىللارغىچە بولغان ۋەقەلەرنى تەپسىلاتى ئىچىگە كېيىنكى يىللاردا سادىر قىلغان ۋەقەلەرنىمۇ قوشۇپ يازىدۇ. ۋەھالەنكى، ئاپتور شۇ يىللاردىن تارتىپ ۋاقىتنى كونكرېت يازىدۇ، ئايلارنىلا ئەمەس، بەلكى ھەپتە، كۈنلەرنىمۇ، ھەتتا بەزى ۋەقەلەرنىڭ شۇ كۈنىنىڭ قايسى ۋاقتىدا بولغانلىقىنىمۇ كونكرېت، ئېنىق ۋە تەرتىپلىك بايان قىلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، يىل تەرتىپى بويىچە قىلىنىۋاتقان بايانلارنىڭ ئۈچ يېرىدە ئۈزۈلۈش بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن 36 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئەسلىمىنڭ يېرىمىغا يېقىنى كەم بولۇپ قالغان. بۇ كەم بولۇپ قالغان جايلار، بولۇپمۇ ھىجرىيە 419 - يىلىدىن 429 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان قىسمى توغرىسىدا بەزى مولاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسەرنىڭ دەسلەپكى قول يازمىسىنىڭ تاسادىپىي زىيانغا ئۇچرىشى (1529 - يىلى) بىلەن ئۇنىڭ شۇ قىسىملىرى يوقىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، دېگەن پەرەز ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
«بابۇرنامە» نىڭ ئەسلى نۇسخسى يوقالغان. 1900 - ئاننېت. س. بېۋېرىج «بابۇرنامە» نىڭ تۈركىي تىلىدىكى نۇسخىسىنى تاپقان بولسىمۇ، تەكشۈرۈشلەردىن ئۇنىڭ 1770 - يىللاردىكى كۆچۈرمە نۇسخا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. «ھەيدەر ئاباد نۇسخىسى» دەپ ئاتالغان ۋە ھەممە نۇسخىلاردىن بىر قەدەر تولۇق بولغان بۇ نۇسخا ئا. بېۋېرىج تەرىپىدىن 1905 - يىلى سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن لوندوندا نەشىر قىلدۇرۇلغان. ن. ئىلىمنسكى بۇخارادىن تېپىلغان تۈركىي تىلىدىكى يەنە بىر قول يازما نۇسخىنى 1857 - يىلى قازاندا نەشىر قىلدۇرغان.
«بابۇرنامە» بابۇر ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، 1589 - يىلى فارس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بىر قانچە زىننەتلىك ۋە سۈرەتلىك نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن. فارسچە نۇسخا 1813 - يىلى ئېرسكىن تەرىپىدىن ئېنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «بابۇر يادنامىلىرى» دېگەن نام بىلەن 1826 - يىلى نەشىر قىلىنغان.
«بابۇرنامە» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسى خەمىت تۆمۈرنىڭ تەرجىمە قىلىشى بىلەن 1992 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.