UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىموللا بىلال نازىمى

موللا بىلال نازىمى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ نازىمى _ 19 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەنقىدىي رېئالىزم ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئىنسانىي تۇيغۇ، ھېسسىياتقا باي لىرىكىلىرى، ئەينى زامان رېئاللىقىدىكى ۋەقەلەر ئاساس قىلىنغان داستانلىرى ئارقىلىق ئۆز دەۋرىنىڭ رېئالىزمىنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا پەخىرلىك ئورۇن ئىگىلەيدىغان شائىر. موللا بىلال 1823 - يىلى غۇلجا شەھىرىدىكى نامرات موزدۇز يۈسۈپ ئاخۇن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شائىرنىڭ پۈتۈن ئىجادىيەت جەريانى بىزگە ئۇنىڭ چىڭ خانلىقى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىلى ھەر مىللەت ئەمگەكچلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئېزىش ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيىسىگە قارشى ھېسسياتتا بولغانلىقىنى، ئېزىلىشكە قارشى كۆتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلىڭى تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى، چارروسىيىنىڭ زېمىنىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ، دېھقانلار قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك باستۇرغانلىقىغا ئىنتايىن نازارى كەيپىياتقا بولۇپ، قارشى تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. موللا بىلال ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئەسلىدە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ماكانى بولغان، كېيىن چارروسىيە تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بۆلۈپ ئېلىنغان ياركەنت شەھىرىدە نامراتلىق ھەم ۋەيرانچىلقتا ئۆتكۈزگەن. 77 يېشىدا ئەما بولۇپ، 1900 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. موللا بىلالنىڭ ھاياتى مۇرەككەپ، بوران - چاپقۇنلۇق، داۋالغۇپ تۇرغان يىللاردا ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكە ئىجادىي مىراسى ئۆزىنىڭ بەدىئىي يۈكسەكلىكى، تېمىسىنىڭ ھەر خىللىقى بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئەينى يىللاردىكى ھاياتنى، داۋالغۇشلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى بىلەنمۇ قىممەتلىكتۇر. موللا بىلالنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى غەزەللىرىنى دىۋان شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن توپلىمى «غەزەليات» شائىر ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى ۋە خېلى يۈكسەك سەۋىيىلىك مېۋىلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭدا شائىر ئىجادىي پائالىيتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە ئاساسىي يۆنىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. موللا بىلالنىڭ چوڭ ھەجىملىك داستانى «غازات دەرمۈلكى چىن» (1875 - يىلى يېزىلغان). موللا بىلالنىڭ رېئال ۋەقەلەر ئاساسىدا يازغان يەنە بىر داستانى «چاڭموزا يۈسۈپخان» (1881 - يىلى يېزىلغان) بولۇپ، ئۇ ئەينى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى ساتىرانىڭ ياخشى نەمۇنىسىدۇر. شائىر بۇ ئەسىرىدە دىنىي تونغا ئورىلىۋالغان ئالدامچى ئاچكۆز، ئېغۋاگەر شەخسنىڭ ساختا قىلمىشلىرىنى ئۆتكۈر ھەجۋى ئارقىلىق ئېچىپ بېرىدۇ ۋە خەلقنى بۇنداق قىلىقلاردىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرىدۇ. شائىرنىڭ قەلىمى ئاستىدا خاتىرىلىنىپ، پۈتۈپ چىققان «نۇزۇگۇم» قىسسىسى _ مەيلى تېما، مەيلى مەزمۇن، مەيلى رېئالىزمنىڭ چوڭقۇرلىشىشى جەھەتتىن بولسۇن، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا يېڭىلىق ئېلىپ كىرگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ بىرسى. موللا بىلال نازىمى ئاياللار ئوبرازىنى نوقۇل سۆيگۈ - ئىشق سەھنىسىدىن جەڭ - كۈرەش سەھنىسىگە يۆتكىدى. ئەسلىدە دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئىشتىراكچىسى نۇزۇگۇم ئۆز غايىسىگە ئاخىرىغىچە سادىق بولۇپ، زۇلۇمغا قارشى تۇردى ھەم ھاياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدى، كۈرەش بىلەن قۇربان بولدى. شۇڭا شائىر نۇزۇگۇمغا بېغىشلانغان مىسرالىرىدا ئۇنىڭغا: «بۇنىڭدەك بولسا خاتۇنلار پائالى، تاپار جەننەت بۇزەنلەرنى كامالى» دەپ مەدھىيە ئوقۇدى. موللا بىلال نازىمىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى سان جەھەتتىن كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەنقىدىي رېئالىزمدىن ئىبارەت ئالاھىدە بىر دەۋرنىڭ پەخرى سۈپىتىدە ئەدەبىيات تارىخىمىزدىن ئورۇن ئالىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى