UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابلىكىم خېۋىر

ئابلىكىم خېۋىر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ئابلىكىم خېۋىر 1946 - يىل 10 - ئايدا توقسۇن ناھىيسىنىڭ بايزا يېزىسىدا ئۇقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى توقسۇندا ئۇقۇپ تاماملىغان، 1964 - يىلدىن 1968 - يىلغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) دا ئوقۇغان، ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ئابلىكىم خېۋىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960 - يىللاردا شېئىرىيەت بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاز بولمىغان شېئىرلىرى ئېلان قىلىنىپ، جامائەتچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ، ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى نۇرغۇن شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. ئابلىكىم خېۋىرنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <چىمەن قىرغاق> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان. ئابلىكىم خېۋىر ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابلىكىم خېۋىر | UyghurWiki | UyghurWiki