UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتۇرسۇن زېرىدىن

تۇرسۇن زېرىدىن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە ژۇرنالىست تۇرسۇن زېرىدىن 1937 - يىلى غۇلجا ناھىيسىنىڭ قاش يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجا شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1954 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە ئىلى دارىلمۇئەللىمىندە ئۇقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ 1957 - يىل 9 - ئايغىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1957 - يىل 9 - ئايدىن ئېتىبارەن <ئىلى گېزىتى> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. تۇرسۇن زېرىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1956 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلگەن، 1978 - يىلدىن كېيىن ئاساسەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ جەھەتتە ئالاھىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ، ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ئۈنسىز جاۋاب> قاتارلىق 20 پارچىغا يېقىن ھېكايە يازغان. تۇرسۇن زېرىدىننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <دىكى - دىكى توشقان> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. بەزى ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگەزۈلگەن. <ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى> (1 -، 3 - قىسمى)، <غەزەليات> قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ، نەشر قىلدۇرغان، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە <ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى> (3 - قىسمى)، <ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى> (2 - قىسمى)، <ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى> (2 - قىسمى) قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ، نەشر قىلدۇرغان.تۇرسۇن زېرىدىن يەنە<رومانلاردا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىدىن توغرا پايدىلىنايلى>، <ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش> قاتارلىق ماقالىلەرنىمۇ يازغان. تۇرسۇن زېرىدىن كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى