UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىشاھ مەھمۇد جۇراس

شاھ مەھمۇد جۇراس

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان شاھ مەھمۇد جۇراس تەخمىنەن 17 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى يەكەندە دۇنياغا كېلىپ، 1700 - يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ەا، يەكەندىكى ئۇيغۇرلاشقان مۇڭغۇل جۇراس بەگلىرىنىڭ ئىچىدە خېلى ئابرۇيغا ئىگە بىر زات بولۇپ، يەكەن خانلىقىنىڭ ئابدۇللىتىپ خان، ئەھمەد خان ۋە ئابدۇللا خاننىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا قوشۇن ۋە باشقا ساھەلەردە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنىدى. شاھ مەھمۇد جۇراس يەكەن ۋە قەشقەر مەدرىسلىرىدە تەربىيلىنىش داۋامىدا ئەرەب، پارس تىللىرىنى ياخشى ئىگىلەپ، بىلىم دائىرىسى كەڭ بىر شەخس بولۇپ يېتىلىپ چىققان. بولۇپمۇ ئۇ تارىخ ئىلمى ساھەسىدە تونۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى يەكەن بەگلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «يەكەن پادىشاھلىرىدىن ئابدۇللا خان، ئىسمائىل خان، ئابدۇرەشىدخان ۋە مۇھەممەد ئەمىن خانلارنىڭ نامىدا ئىككى - ئۈچ پارچە تارىخ كىتابىنى يېزىپ چىققان.» شاھ مەھمۇد جۇراسنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان تۇنجى ئەسىرى «تارىخىي شاھ مەھمۇد جۇراس» ياكى «تارىخىي شاھ» بولۇپ، ئۇ ئەسەر ئىسمائىل خان دەۋرىدىكى «1670 - 1682» يەكەن ئەمەلدارى ئېركەبەگنىڭ تەشەببۇسى ئارقىسىدا 1672 - يىلىدىن 1676 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پارس تىلىدا يېزىپ چىقىلغان. ئەسەردە ئاساسەن 1428 - يىلىدىن 1670 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى موغۇل ۋە يەكەن خانلىرىنىڭ تارىخى مەركەزلىك بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاكىموشكىننىڭ تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلىشى، «تارىخىي شاھ مەھمۇد جۇراس» دېگەن نام بىلەن 1966 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخىي ھۆججەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ھەمدە مەزكۇر نەشرىي نۇسخىدا پارسچە ئەسلى تېكىستىمۇ بېرىلگەن. (مەزكۇر پارسچە ئەسلى تېكىستنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى 1989 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» دېگەن نام بىلەن نەشىر قىلىندى.) ئەسەرنىڭ مىلادىيە 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «كونا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر شېۋىسىگە تەرجىمە قىلىنغان» ۋە «ئالتە شەھەر خانلىرىنىڭ تارىخى» ناملىق يەنە بىر نۇسخىسى بولغان. بۇ نۇسخا ھازىر ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەبۇ رەيھان برونى ناملىق شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇدا ساقلانماقتا. شاھ مەھمۇد جۇراس ھىجرىيە 1097 - (مىلادىيە 1686 -) يىلى ئاللايار ئبنى ساتىم بىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن، يەنە «تارىخى رەشىدى (زەيلى)» (زەيلى _ داۋامى مەنىسىدە) ناملىق بىر ئەسەر يېزىپ چىقتى. پارس تىلىدا يېزىلغان بۇ ئەسەر ئۇنىڭ «تارىخىي شاھ مەھمۇد جۇراس» تىن كېيىن يازغان نوپۇزلۇق ئەسىرى بولۇپ مەزمۇنىنىڭ موللۇقى، ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي جەريانلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ۋەقەلەر ۋە ۋاقتىنىڭ ئېنىقلىقى بىلەن «تارىخىي شاھ مەھمۇد جۇراس» تىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. «تارىخ رەشىدى» ناملىق ئەسىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە، شۇنداقلا، ئاپتور ئۆزىنىڭ «تارىخىي شاھ مەھمۇد جۇراس» ناملىق ئەسىرىنى تولۇقلاش مەقسىتىدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قاراقىتان خانلىقىنى قۇرغان گورخاندىن (1131 - 1143) تارتىپ 1699 - يىلىغىچە بولغان بەش يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك مەزگىلدىكى تارىخىي ۋەقەلەر، ئاساسلىقى، ئابدۇكېرىم خاندىن (1591 - 1560) مۇھەممەد ئىمىن خانغىچە بولغان 139 يىللىق تارىخ بايان قىلىنغان. مىلادىيە 1696 - يىلى شاھ مەھمۇد جۇراس يەنە دىنىي تېمىدىكى «ئەنست تالىبىن» («تەلەپكارلار نەسەبنامىسى») ناملىق ئەسەر يازغان. ئەسەر ئەينى زاماندىكى يەكەن ھاكىمى ئالىم شاھ بەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى تارىخى (تۆت خەلىپە دەۋرى)، 12 ئىمام، نەقىشبەندىچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يەكەن خانلىقىدىكى ئاساسلىق ۋەكىللىرى، بولۇپمۇ، «ئىسھاقىيە» ئىشانلىرىنىڭ تارىخى، دىنىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان. ئەسەر پارس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەكەندە ئەبۇ مەنسۇر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «رەفىقۇل تالىبىن» («ھەقىقەت ئىزلىگۈچىلەر دوستى») ناملىق بىر قول يازما نۇسخىسى بار. بۇ نۇسخىسىنىڭ مىلادىيە 1864 - 1865 - يىللىرى موللا ئەخمەد ئوغلى موللا مۇھەممەد سوپى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن بىر نۇسخىسى ھازىر ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەبۇ رەيھان برونى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا ساقلانماقتا. «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، 1056 - بەت.» شاھ مەھمۇد جۇراس ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مىرزا ھەيدەردىن كېيىنكى كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىسى سۈپىتىدە «تارىخىي رەشىدى» نىڭ مەزمۇنىنى بىر يېرىم ئەسىر سۈرۈپ، يەكەن خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي - سىياسىي تارىخى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇ «تارىخىي رەشىدى (زەيلى)» ناملىق ئەسىرىدە يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن سۇلتان سەئىدخان، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان، ئايازبېك قۇشچى قاتارلىق ئەدىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك ماتېرىياللارنى بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلىدى ۋە بېيىتتىدە يەنە شاھ مەھمۇد جۇراسىنىڭ ئۆز شېئىرلىرىمۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ شېئىرلىرىمۇ ئۇچرايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شاھ مەھمۇد جۇراس | UyghurWiki | UyghurWiki