UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمەھمۇد قەشقەرى

مەھمۇد قەشقەرى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆمۈر بايانى ھەققىدىكى مەلۇماتنى بىز پەقەت ئۇنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسىرى _ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» («تۈركىي تىللار دىۋانى». تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋان» دېيىلىدۇ) دىن ئالىمىز. «دىۋان» نىڭ 1 - تومىدا ئالىم «ئوپال» ۋە «ئازىغ» سۆزلىرىگە: «بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى» دەپ ئىزاھ بېرىدۇ. لېكىن باشقا يېزا ياكى جايلارنىڭ نامى ئىزاھلانغاندا «بىزنىڭ» دېگەن بۇ شەخسكە تەۋە ئېنىقلىغۇچى ئىبارە ئىشلىتىلمەيدۇ. 1983 - يىلى بىر بۆلۈك ئىلمىي خادىملار قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئوپال يېزىسىدىكى «ھەزرىتى موللام مازىرى» دەپ ئاتىلىپ، كۆپ ئەسىرلەردىن بېرى ئۇلۇغلىنىپ كېلىۋاتقان مازارنىڭ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى، «ئازىغ» دېگەن يۇرتنىڭمۇ ئوپالدىكى بىر كەنت ئىكەنلىكىنى (بۇ كەنتنىڭ نامى كېيىن «قۇمباغ» قا ئۆزگىرىپ كەتكەن) ئىسپاتلاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەشقەردىكى ئوپال يېزىسىنىڭ ھازىرقى قۇمباغ كەنتىدە تۇغۇلغانلىقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم بولدى. مەھمۇد قەشقەرى «دىۋان» دا ئۆز نەسەبى توغرىسىدا مۇنۇلارنى يازغان: «ئەمدى مۇھەممەد ئوغلى ھۈسەيىننىڭ پەرزەنتى مەھمۇدنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغايسىز» (مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981 - يىل، 1 - توم، 1 - بەت)، «بارسىغان _ ئافراسىيابنىڭ ئوغلىنىڭ ئېتى،بارسىغان شەھىرىنى شۇ بىنا قىلدۇرغان. بۇ مەھمۇدنىڭ ئاتسىنىڭ شەھىرىدۇر». مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد خان جەمەتىدىن بولۇپ، بارسىغان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغانىدى. مىلادىيە 1056 - 1057 - يىللىرى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈپ ئاكىسى سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپنىڭ قولىدىن خانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ، ئۇ تەختتە ئاران 15 ئايلا ئولتۇرۇپ، 1058 - يىلى تەختنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىنگە (مەھمۇد قەشقەرىنىڭ دادىسى) ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سۈيقەستتە ھۈشسەيىن ئىبنى مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلۈپ، سۈيقەستچىلەر ھوقۇق ئىگىلەيدۇ. نەتىجىدە مەھمۇد قەشقەرى ئۆز يۇرتىدىن قېچىپ چىقىپ، باغدادقا - ئۆز جەمەتىدىن بولغان تۈركەن خاتۇن (سالجۇقىلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتان مەلىكشاھنىڭ ئايالى) قېشىغا بارىدۇ ۋە تۈركەن خاتۇنىنىڭ يار - يۆلەك بولۇشى ئارقىسىدا ئۆزىنىڭ ئىككى كىتابىنى (ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار نەھۋىسىنىڭ جەۋھەرلىرى» ناملىق ئەسەرنىمۇ يازغانلىقى مەلۇم، لېكىن بۇ ئەسەر زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن) يېزىپ تاماملايدۇ. مەھمۇد قەشقەرى باغدادقا بېرىشتىن بۇرۇنلا «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تۈزۈش ئۈچۈن زۆرۈر ئىزدىنىشلەردە بولغان. ئۇ نۇ ھەقتە: «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن ۋە ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن - ئاياغ كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم. ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ، ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ، بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك _ تۈركىي تىللار دىۋانى» دەپ ئات قويدۇم دەپ يازىدۇ. ئاپتور كىتابىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھەققىدە «دىۋان» نىڭ ئاخىرىدا: «كىتابنى 464 - يىلى جۇمادىيەل ئەۋۋەلنىڭ باشلىرىدا يېزىشقا كىرىشكەنىدىم، تۆت قېتىم قايتا يېزىپ، تۈزىتىپ ۋە تەھرىرلەپ 466 - يىلى جۇمادىيەل ئاخىرنىڭ 10 - كۈنى دۈشەنبە تۈگەتتىم» دەيدۇ. پرافېسسور زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، «دىۋان» مىلادىيە 1072 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 1074 - يىل 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە يېزىلىپ تاماملانغان ۋە 1076 -، 1077 - يىللىرى تەكرار تۈزىتىلىپ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27 - خەلىپىس ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلىنغان. ئالىمنىڭ توغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئالىمنىڭ «دىۋان» دىكى «بۇ كىتاب مېنىڭ ئۆمرۈمنى ئاخىرىغا يەتكۈزدى» دېگەن سۆزلىرىگە ئاسالانغاندا، ئۇنى 11 - ئەسىرنىڭ 10 - يىللىرىدا توغۇلغان دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن. كېيىنكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالىم 11 - ئەسرنىڭ 80 - يىللىرى ئەتراپىدا باغدادتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، ئوپالغا ئورۇنلاشقان ۋە ئۇ يەردە كېيىن كىشىلەر تەرىپىدىن «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» دەپ ئاتالغان بىر مەدرىس بىنا قىلىپ، ئۆزى مۇدەرسلىك قىلغان، سەككىز يىلدىن كېيىن 97 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، ئۆز يېزىسىغا (ئوپالغا) دەپنە قىلىنغان. «مەھمۇد قەشقەرى؛ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1985 يىل، 3 -، 19 -، 23 - بەتلەر.» مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئوپالدىكى «ھەزرىتى موللام مازىرى» نىڭ 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياسالغىنىدىن، ئالىمنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىنىڭ 11 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن. «دىۋان» ئەينى زاماندىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىلى توغرىسىدىكى مەلۇمات بېرىدىغان لۇغەت بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخىم كېلىپ چىقىشى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، قائىدە - يوسۇنلىرى، ئىقتىساد، مەدەنىي ھاياتى، ئەدەبىيات - سەنئىتى، قانۇن - تۈزۈملىرى، پەلسەپىۋى - ئەخلاقىي چۈشەنچىلىرى، تىبابەتچىلىك، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيسىگە ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ئۆزئىچىگە ئالغان مۇكەممەل قامۇستۇر. ئۆز ئانا تىلىنى قىزغىن سۆيگەن ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىغان ئالىم ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىي تىللار ئىچىدىن خاقانىيە تىلىنى قېلىپلاشقان ئەدەبىي تىل دەپ تونۇپ ۋە ئۇنى ئاساس قىلىپ يېزىپ چىققان تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ لۇغەت فوندى ۋە لېكسىكا تەركىبىنى ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈردى. تۈركىي تىلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا شۆھرەتلىك تىل دەپ تونۇلغان «ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش» تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى قايىل قىلارلىق تىل پاكىتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى. مەھمۇد قەشقەرى «دىۋان» غا كىرگۈزۈلگەن تەخمىنەن يەتتە مىڭ بەشيۈزدىن ئارتۇق سۆزلەم «سۆز - ئىبارە» نى ھەرپلەرنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئەرەپچە ھىجا ئۇسۇلىدىكى ئېلىبپە تەرتىپى بويچە تىزىپ، سۆزلەرنىڭ ئىستېمال مەنىلىرىنى تولۇق بىلدۈرۈپ، ئىخچام جۈملىلەرنى تۈزگەن؛ گاھىدا بىر سۆزلەمگە تەئەللۇق ھېكمەتلىك سۆز، قاپىيىلىك نەسر، تەمسىل، قوشاق، بېيىت، شېئىرغا ئوخشاش ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانغان. مەھمۇد قەشقەرى ئۆز ئەسىرىدە خەلق تىلى، قەدىمكى تىل ۋە باشقا تىل ئامىللىرىنى بىر مەنبە سۈپىتىدە يۇغۇرۇپ كەلگەن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، «دىۋان» 11 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدىى ئەدەبىي ھايات ۋە ئەدەبىيات توغرىسىدا بىر قەدەر ئومۇمىي مەلۇمات بېرىدىغان يېگانە مەنبەدۇر. ئەسەردە نەقىل قىلىنغان بېيىت - قوشاقلار، ماقال - تەمسىللەر، نەسىر، ھېكمەتلىك سۆزلەردىن شۇ دەۋردىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى، خېلى يۇقىرى سەۋىيىلىك ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدىبلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، جۈملىدىن، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بىر ئەدەبىياتشۇناس سۈپىتىدە بۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. «دىۋان» غا تۈرلۈك تېمىدا جەمئىي 242 كۇپلېت ئەدەبىي پارچە كىرگۈزۈلگەن، بۇ ئەدەبىي پارچىلارنى داستانلارنى داستانلاردىن پارچىلار، قوشاقلار، پەند - نەسىھەت مەزمۇنىدىكى شېئىرىي پارچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بۇ قوشاق ۋە شېئىرىي پارچىلارنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ ئەينى زاماندىكى ئەجدادلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى، بەخت - سائادەتكە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى، خۇشاللىق ۋە قايغۇ - ھەسرەتلىرىنى، گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى جانلىق، روشەن ئوبرازلار بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن. قوشاق ۋە شېئىرىي پارچىلارنىڭ بەدىئىي ۋاسىتىلىرى رەڭمۇ رەڭ بولۇپ، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، ئىستىئارىلارغا باي، تەسەۋۋۇر كۈچى يۈكسەك، ئوبرازلىرى روشەن، ۋەزنى ھەر خىل، شەكلى مۇكەممەل. بۇ، شۇ دەۋردىكى ئەدىبلىرىمىزنىڭ ماھارىتىنى ۋە شېئىرىيىتىمىزنىڭ بەدىئىي كامالىتىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «دىۋان» دا بېرىلگەن ھېكمەتلىك سۆزلەر، ماقال - تەمسىللەر 200 دىن ئاشىدۇ. بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر، ماقال - تەمسىللەر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائىي ھايات تەجرىبىلىرىنى، دۇنيا ۋە مەئىشەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. «دىۋان» دا مىسال كەلتۈرۈلگەن ئەل ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى ئىچىدە يەنە ئۇنىڭدىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىدۇ. ئەل ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ قەدىمكى نەمۇنىلىرى بولغان، ئىجتىمائىي ھايات بىلەن باغلىق ۋەقە - ھادىسىلەر خىيالىي شەكلىدە ھېكايە قىلىنغان بۇ ئەپسانە - رىۋايەتلەر ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ قەدىمكى ئەپسانە - رىۋايەتلىرى ھەققىدىكى قىممەتلىك ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە. ھازىر ئىستانبول كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نىڭ بىردىنبىر قول يازما نۇسخىسىنى ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن نازىپ بينىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بولغان بىر ئايال ساقلىغان ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن كىتابپۇرۇش ئارقىلىق مىلادى 1914 - يىلى دىيابەكىرلىك ئەلى ئەمىرگە ساتقان، مەتبۇئاتچىلاردىن كىلسىلى رىفئەت ئەپەندى بۇ نۇسخىنى 1914 - 1917 - يىللىرى مىخ مەتبەدە تىزدۇرۇپ باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دۇنياغا مەلۇم بولغان. ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ئېنسكلوپېدىك يازغۇچىسى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئەسىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1980 -، 1983 - ۋە 1984 - يىللىرى ئۈچ توملۇق قىلىپ نەشىر قىلىنىپ كەڭ تىل - ئەدەبىياتشۇناسلار ئۈچۈن قىممەتلىك قورال كىتاب، تەتقىقات ماتېرىيالى بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى