قۇربان قوداي
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قۇربان كېرىيە ناھىيە موغاللا مەھەللىسىدىكى قوداي جەمەتىدىن بولغان داڭدار يىپەك، قاشتېشى سودىگىرى شېرىپ ھاجىم قوداينىڭ ئوغلى، ئۇ 1920 - يىلى كېرىيە ناھىيىسىدە تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە كېرىيىدىكى بىر دىنىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1932 - يىلى شېرىپ ھاجى ئوغلى قۇرباننى ئېلىپ ھازىرقى پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىگە بارىدۇ. كېيىن ئوغلىنى تۈركىيىدىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. ياش قۇربان تۈركىيىدە ئوقۇش مەزگىلىدە، تۈركچىلىك پاتقىقىغا پاتىدۇ ۋە قوداي جەمەتىدىكىلەر قوللىنىپ كېلىۋاتقان جەمەت نامى «قوداي» نى ئىسىم ئاخىرىغا قوشۇپ ئۆزىنى قۇربان قوداي دەپ ئاتايدۇ.
1944 - يىلى شىنجاڭغا گومىنداڭ بايرىقى ئېسىلغاندىن كېيىن شېڭ شىسەي زۇلمىدىن قېچىپ چەت ئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ. قۇربان قودايمۇ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە گومىنداڭ پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ، داڭبۇدا بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. كېيىن «ئالتاي گېزىتى» ۋە ژورنىلىدا ئىشلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ماقالىلار ئېلان قىلىپ پانتۈركىزم ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىدۇ شۇ يىللاردا «ئۇلۇسىمىز (مىللىتىمىز) نىڭ ئانا خەتلىرى» دېگەن بۆلگۈنچىلىك خاراكتېرىدىكى كىتاب (براشۇرا) ئېلان قىلىدۇ. كېيىن بىر گېزىت چىقىرىپ، تېخىمۇ ئەدەپ سوۋېت ئىتتىپاقى «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان تارىخشۇناسلار بىلەن ئېلىشىپ، ئاخىر «پانتۈركىزمنىڭ ياقلىغۇچىسى» دېگەن نام بىلەن سېسىق نامى پۈر كېتىدۇ. 1949 - يىلى مەسلەكداشلىرى بىلەن چەت ئەلگە قاچماقچى بولغاندا چېگرادىن ئۆتەلمەي قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. 1952 - يىلى 32 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.