ئوبۇلھەسەن ھاجى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇسا بايوۋ 1856 - يىلى ئاتۇش ئىكىساقتا تۇغۇلغان ۋە ئىكىساق، قەشقەر خانلىق مەدرىستە دىنىي بىلىم ئالغان. 1880 - يىللاردا، ئىككىنچى ئاكىسى باۋۇدۇنباي بىلەن روسىيىنىڭ ئوفا دېگەن شەھىرىگە بېرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە يېڭى (جەدىد) مەكتىپىدە ئوقۇغان. شۇ مەزگىلدە بوغالتىرلىق كەسپىنى ئۆگەنگەن ھەم بىر خۇسۇسىي شىركەتتە پىركازچىك، كاسسىر، بوغالتىر بولۇپ پىراكتىكا قىلغان. نەتىجىدە مانافاكتۇرلۇق ھېسابات رەسمىيەتلىرىنى تولۇق ئىگەللىگەن ھەم تاتار، رۇس تىللىرىنى ئۆگەنگەن.
1895 - يىلى دادىسى مۇسا ھاجىم قازا قىلغاندىن كېيىن، ئاكىسى باۋۇدۇنباي ئورنىدا، روسىيىدىكى «مۇسابايوۋ بۇرادەرلەر شىركىتى» نىڭ سودىسىغا مەسئۇل بولغان (ئاشۇ يىللاردا «مۇسابايوۋ بۇرادەرلەر شىركىتى» نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى شەھەرلەر ۋە موسكۋا، پىتىربورگ قاتارلىق جايلاردا سودا ۋاكالەت خانىسى بولغان). شۇ يىللاردا موسكۋادا مەخسۇس رۇس، نىمىس تىلى ئۆگەنگەن. ئوبۇلھەسەن ھاجى روسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 20 يىلچە تۇرۇپ سودا قىلىش جەريانىدا، روسىيە نىژنى يەرمەنكىسىدىن باشقا ياۋروپا ئەللىرىدە ئۆتكۈزگەن يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق كۆپلىگەن دۆلەت ۋە ئەللەرنىڭ سودا - سانائەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ. يەرمەنكىگە قاتناشتۇرغان كۆپ خىللىق شىنجاڭنىڭ سانائەت خام - ئەشياسى، يەرلىك توقۇلما، خام يىپەك، بۇغا، بۆكەن مۈڭگۈزى، كۆپ تۈردىكى ئەلتىرە، ئۈنچە - مەرۋايىت، قاش تېشى، خىلمۇخىل بىرال (ئىسل تاشلار)، قول ھۈنەرۋەن بۇيۇملىرى بىلەن يەرمەنكە، جۈملىدىن جاھان بازىرىدا شۆھرەت قازىنىدۇ.
ئوبۇلھەسەن ھاجى، 1905 - يىلى روسىيە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە، روسىيىدە ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سودا سەھنىسىدىن سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويىدۇ. ئۇ 195 - يىلى روسىيىدىكى ئۇيغۇرلار تەسىس قىلغان «كالتا چاپانلار تەشكىلاتى»، 1906 - يىلى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان «تەرەققىپەرۋەرلەر تەشكىلاتى» غا ئىشتىراك ئېتىدۇ. كېيىن تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق جايلاردا سودا ۋە سەيلى ساياھەت قىلىپ، دۇنيانى جۈملىدىن باشقا ئەللەرنى چۈشىنىدۇ.
1914 - يىلى 1 - دۇنيا ئۇرۇشى تەپىرىقىچىلىكىدە، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يېنىپ كېلىپ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تىجارىتى روناق تاپقان بولسىمۇ، 1917 - يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى، 1919 - يىلىدىن 1924 - يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن جايلاردىكى تىجارىتىنى ۋاكالەتچىلىرىگە قويۇپ، قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ، 1924 - يىلى باۋۇدۇنباي سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن تۈزگەن سودا توختامىغا ئاساسەن، سوۋېت بىلەن سودا قىلىدۇ.
1926 - يىلى ھۈسەنباي، 1928 - يىلى باۋۇدۇنبايلار قازا قىلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قوزغىلىپ پۈتۈن شىنجاڭدا جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش ئوتى يېقىلىدۇ. قەشقەر، خوتەننى قوزغىلاڭچىلار ئىگەللەيدۇ. بۇ يىللاردا قەشقەردە (1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى) «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلۇپ، ئوبۇلھەسەن ھاجى دېھقانچىلىق سودا مىنىستىرى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» پارچىلىنىدۇ. كېيىن 1937 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.