UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتەجەللى

تەجەللى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى سەييىدا ھۈسىيىنخان تەجەللى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئاتاقلىق شائىر، خىمىك ۋە تىبابە ئالىمى. ئۇ 1850 - يىلى قاغىلىقتا تىۋىپ ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ئۆز ئاتىسىدىن دەرس ئالغان. كېيىن ئاتىسى ئۇنى ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ، دېھلى مەدرىسىدە ئوقۇتقان. شائىر ئەرەب، پارىس، ھىندى تىللىرى بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە تىببىي ئىلىم بىلەن خىمىيە ئۆگەنگەن. تەجەللى دېھقان، كابول قاتارلىق جايلاردا خېلى ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، قاغىلىقتا تىۋىپلىق قىلغان. خىمىيە ئىلمىي بويىچە تەتقىقات - تەجرىبە ئېلىپ بارغان، مۇدەررىسىلىك قىلغان ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. شائىر ياش چېغىدىلا ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلغان بولۇپ، ھىندىستاندا تۇرغان چاغلىرىدا ئەرەب، پارىس، ھىندى، ئافغان ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىي ھەم مەشھۇر ۋەكىللىرىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن. ۋەتەنگە قايتىشتىن ئالدىن ۋە كېيىن ئەرەب، پارىس، ئۇيغۇر ۋە ھىندى تىللىردا نۇرغۇن لىرىك شېئىر ۋە قەسىدىلەرنى يازغان. ئۇنىڭ يۇقىرىقى تۆت خىل تىلدىكى شېئىرلىرىنىڭ دەسلەپكى توپلىمى «بەرق تەجەللى ۋە سەبەق مۇجەللى» نامى تاش مەتبەئەدە بېسىلغان. خەلق قولىدا ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرىدىن «دىۋان بېسىلغان. خەلق قولىدا ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرىدىن «دىۋان تەجەللى» 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇلغارىيىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. يەنە بىر قىسم شېئىرلاردا مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان «باياز»لاردا بېسىلغان ۋە شىنجاڭ مەكتەپلىرىدە ئەدەبىيات دەرسلىكى قىلىپ ئوقۇلغان. تەجەللى 1930 - يىلى قاغىلىقتا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى چوڭقۇر پىكىر ۋە چىرايلىق بەدىئىي ئىپادىگە ئىگە بولۇپ، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر نەمۇنىسىدۇر. باشقا تىللاردا يازغان قەسىدە ۋە غەزەللىرىمۇ شۇ تىللارغا مەنسۇپ بولغان شېئىرىيەتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل ئۈلگىلىرىدۇر
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تەجەللى | UyghurWiki | UyghurWiki