يولۋاس
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يولۋاس 1889 - يىلى مارالبېشى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. مارالبېشىلىق ھۇشۇر مىراب دېگەن كىشىنىڭ جىنەستىخان ئىسملىك بىرلا قىزى بولۇپ، ئوغۇل بالىسى بولمىغانلىقتىن، بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى تولىمۇ
ئارزۇ قىلىدىكەن. ھۇشۇر مىراب بىر كۈنى شەھەردە مەسچىتكە كېتىۋېتىپ يولدا بىر بوۋاق بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىپ، يېقىن بېرىپ قارىسا يېڭىلا تۇغۇلغان ئوغۇل بالا ئىكەن. ھۇشۇر مىراب «خۇدايىم بەردى» دەپ، بالىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ، كېيىن بالىغا «يولدا بارىس» (يول ئۈستىدىن تېپىلغان بالا دېگەن مەنىدە) دېگەن ئىسىمنى قويغان. بۇ ئىسىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈۋېرىشى ئارقىلىق جانلىق تىلغا يولۋاس دەپ ئۆزگەرگەن. يولۋاس بەش ياشقا كىرگەندە قەشقەرنىڭ دوتىيى خۇاڭ گۇاڭدا ھۇشۇر مىرابنىڭ قىزى جىنەستىخاننى مەجبۇرىي خۇتۇنلۇققا ئېلىۋالىدۇ. ئەلەمگە چىدىمىغان ئاتا - ئانىلار كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، يېتىم قالغان يولۋاس كېيىن خەنزۇ دوتەينىڭ قولىدا قالىدۇ. يولۋاس بەش يېشىدىن تارتىپ خەنزۇ ئائىلىسىدە تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ۋە بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرغانلىقتىن خەنزۇ تىلىنى راۋۋان سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالغان. يولۋاس ئاچىسى بىلەن قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن، ئاچىسىنىڭ يولدىشى سودىگەر ئىبراھىم بەگنىڭ سودا دۇكىنىدا دۇكان خىزمەتچىسى، كېيىن يۈسۈپ تەيجى دېگەن كىشىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق خۇيزۇ كىنەز سارىيىغا تەكلىپ قىلىنىپ كىچىك تىلماچ (تەرجىمان) بولىدۇ. مىنگونىڭ 3 - يىلى (مىلادىنىڭ 1914 - يىلى) قۇمۇل ۋاڭنىڭ باار بېگى، ئىككىنچى يىلى سودا ئىشلىرى ئومۇمىي باشقۇرغۇچىسى، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە مىنگونىڭ 5 - يىلى (مىلادىنىڭ 1916 - يىلى) خوجا بەگلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. مىنگونىڭ 16 - يىلى (مىلادىنىڭ 1927 - يىلى) قۇمۇلدا ئاپتوموبىل ترانسىپورت ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ، قۇمۇل ۋاڭنىڭ ساراي بېگى شى زۇجىڭنىڭ تەۋسىيىسى ئارقىلىق يولۋاس قوشۇمچە ئاپتوموبىل ترانسىپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ياردەمچىلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مىنگونىڭ 17 - يىلى (مىلادى 1928 - يىلى) ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇمۇلدا تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر باتاليوننىڭ كوماندىرى، خۇيزۇ كېنەز سارىيىدا تەرجىمان، قوشۇمچە مۇھاپىزەت ۋە ئالاقىلىشىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆتىگەن. مىنگونىڭ 20 - يىلى (مىلادىنىڭ 1931 - يىلى) قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىدى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ماجۇڭيىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنلار بىلەن بىرلىشىپ قۇمۇل شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندا، يولۋاس خەنزۇ ئەمەلدارلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ ئەمەلدارى بىلەن سۈلھى قىلىش ئۈچۈن ئەلچى بولۇپ چىقىدۇ. قوزغىلاڭچىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يولۋاسنى تۇتۇۋېلىپ ماجۇڭيىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ماجۇڭيىڭ يولۋاسنىڭ ئىككى خىل (ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە) تىل يېزىقىنى پۇختا بىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ زېرەك، قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۆزىگە مەسلىھەتچى قىلىۋالىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم بىلەن ماجۇڭيىڭنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەندىن كېيىن، ماجۇڭيىڭ يولۋاسقا بىر قىسىم ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مال - مۈلۈك بېرىپ ئۆزى ئەنشىگە قايتىپ كېتىدۇ. يولۋاس بۇ ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مال - مۈلۈك بەدىلىگە بىر قىسىم ئادەملەرنى ئۆزىگە تارتىپ، خوجىنىيازغا قارشى ھەرىكەتلىنىشكە تەييارلانماقچى بولغاندا، خوجىنىيازغا قارشى ھەرىكەتلىنىشكە تەييارلانماقچى بولغاندا، خوجىنىياز خەۋەر تېپىپ، يولۋاسنى تۇتۇپ قاماققا ئالىدۇ. خوجىنىياز ئۇنى ئېتىۋېتىش بۇيرۇقى چىقىرىدۇ. لېكىن يولۋاس ناھايىتى قۇۋ بولغاچقا، يالغاندىن تۆۋە قىلغان بولۇۋېلىپ خوجىنيازنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ گۇناھىنى تىكلىگەنلىكى ئۈچۈن خوجىنىيازنىڭ رەھىمى كېلىپ، يولۋاسنى گۇناھىدىن كېچىپ قويۇپ بېرىدۇ. ئۇ تەلىيىنىڭ ئوڭ كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ، قۇمۇلدىن ئەنشىگە بېرىپ ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭغا چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنى شىنجاڭغا چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ماجۇڭيىڭ ئارقا سەپ تەمىنات، قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. ماجۇڭيىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ قاچقاندا يولۋاس ماجۇڭيىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، تۇرپاننى تاشلاپ يەنە قۇمۇلغا بېرىۋالىدۇ _ دە، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە تۇرۇشقان بېشىرۋاڭ تەرەپدارلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، قۇمۇلنىڭ ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان شېڭ شىسەي ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دەسلەپتە قۇمۇلنىڭ ھاكىملىق ۋەزىپىسىنى، كېيىن قۇمۇلنىڭ گارنىزون قوماندانلىق مەنسىپىنى بېرىدۇ ۋە نۇرغۇن ھەربىي ئىنئام ۋە سوۋغا - سالاملارنى بۆرھان شەھىدى، يارى قارى، يەنە بىر ئورۇس قاتارلىق ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىدۇ. يولۋاس قۇمۇل ئىككى يېرىم يىل گارنىزون قوماندانى بولىدۇ. مىنگونىڭ 26 - يىلى (مىلادىنىڭ 1937 - يىلى) چىڭخەيگە قېچىپ كېتىش ئويىدا بولۇۋاتقان مەزگىلدە، مابۇفاڭنىڭ تەۋسيىسى بىلەن جياڭ جېيشىغا سېتىلىپ نەنجىنگە قېچىپ كېتىدۇ. مىنگونىڭ 27 - يىلى (مىلادىنىڭ 1938 - يىلى) 2 - ئايدا يولۋاس گومىنداڭ ھەربىي كومىتېتىنىڭ گېنېرال لېيتېنانت دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي لياۋ يۇڭچىيۇ بىلەن توي قىلىدۇ. مىنگونىڭ 28 - يىلى (مىلادىنىڭ 1939 - يىلى) يولۋاس گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتى تەپتىش كومىتېتىنىڭ ھەيئەتلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. مىنگونىڭ 35 - يىلى (مىلادىنىڭ 1946 - يىلى) يولۋاس شىنجاڭغا قايتىپ كېلىدۇ. گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇنى گومىنداڭ مەركىزىي دۆلەت سىياسىتى مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى دېگەن ۋەزىپىلەر بىلەن شىنجاڭغا ئەۋەتىدۇ. ياندۇرقى يىلى 10 - ئايدا قۇمۇل رايونلۇق مەمۇرىيىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەخسۇس خادىمى، قوشۇمچە بىخەتەرلىكنى قوغداش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەندىن سىرت، قوشۇمچە يەنە گومىنداڭ قۇمۇل رايونلۇق پارتىيە ئىشلىرى خادىمى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.
شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن، يولۋاس قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ۋالىيسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1950 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئوغرىلىقچە قۇمۇل شەھىرىدىن چىقىپ، يول بويى قوراللىق توپىلاڭچىلارنى يېتەكلەپ، باندىتلار باشلىقى ئوسمان، جانىمقانلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قوراللىق توپىلاڭ قوزغايدۇ. شەرقىي شىنجاڭدىكى بۇ قوراللىق توپىلاڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيىمىزنىڭ توختىماي قوغلاپ زەربە بېرىشى بىلەن باندىتلار ھالاك قىلىنىدۇ. يولۋاس قۇمۇلدىن ئايرىلىپ شۇ قاچقانچە چىڭخەي، شىزاڭ ئارقىلىق، 1951 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ھىندىستانغا بېرىپ، شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تەيۋەنگە قېچىپ كېتىدۇ.
يولۋاس تەيۋەنگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق «ئەلچىسى» ۋە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ «رەئىس» لىكىگە تەيىنلىنىدۇ ھەمدە شۇ جەرياندا ئۇ بىر نەچچە توم ئەسلىمە يېزىپ چىقتى. يولۋاس 1971 - يىلى 7 - ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن تەيبىدە 82 يېشىدا ئۆلىدۇ.