ھەمزابايوف نۇراجى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ھەمزابايوف نۇراجى ئۆزبېك، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ پولكوۋنىڭ دەرىجىلىك ئاخباراتىچىسى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 1924 - يىللاردا شىنجاڭغا كېلىپ خوتەن، قاغىلىق، يەركەن قاتارلىق جايلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ كەلگەن «خەتەرلىك كىشىلەر» نى ئىنقىلاش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. كېيىن قاسىم ئەپەندى (قاسىم قازاق)، ھاشىم ھاجى ۋە ھوشۇر مۇسا قاتارلىقلار بىلەن قۇمۇلدا تۇرىدۇ. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن كېيىن بىر مەزگىل غايىپ بولىدۇ.
ھەمزابايوف نۇراجى 1934 - يىللاردا، قەشقەر ساقچى ئىدارىسىدا ئىش باشقۇرغۇچى، كېيىن بىر مەزگىل ۋەكىل نامىدا ساقچى ئىدارىسىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپ، 1935 - يىلىغىچە سوۋېتتىن قېچىپ كەلگەنلەر ۋە يەرلىك كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىدۇ. ئابدۇقادىر ھاجى قەشقەر ساقچى ئىدارىسىغا باشلىق بولغاندىن كېيىن غايىپ بولىدۇ.
1944 - يىلى تاشقۇرغان تاغلىرىدا پەيدا بولۇپ پاراتىزانلارغا مەسئۇل بولىدۇ. 1954 - يىلى 8 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقۇرغانغا ئەۋەتكەن غولامخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قىسم بىلەن بىللە يەركەن، قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىپ يۈرىدۇ. 1945 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشقا سوۋېت ئىتتىپاقى خادىملىرى بىلەن بىرگە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېتىدۇ.