رىژۋانگۈل
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل، 1925 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى چىلەك رايونىدا تېرە - يۇڭ تىجارىتى ۋە پريۇمچىلىك قىلىدىغان ھاشىم ئاخۇن ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. 1932 - يىلى رىزۋانگۈل يەتتە ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، پۇشايمان مەھەللىسىگە ئورۇنلىشىدۇ. 1934 - يىلىدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدىكى شەرق مەكتەپ ۋە ئۈمىد مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. 1940 - يىلى ئۈرۈمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتەپ بوغالتىرلىق كەسپى سىنىپىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1943 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ، ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.
رىۋانگۈل مەرىپەتپەرۋەر ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا، ئائىلىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىنىڭ تەربىيىسىدە كىچىكىدىن تارتىپلا تىرىشچان، ئۆتكۈر پىكىرلىك، كەم سۆز، لېكىن دېگىنىنى قىلىدىغان، خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان قەيسەر قىز بولۇپ يېتىلىدۇ. رىزۋانگۈل پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى باشلىنىدۇ. ئىنقىلاب باشلىنىپ ئالتىنچى كۈنىلا رىزۋانگۈل پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۈۋ ۋىلايەت ئىنقىلابى باشلىنىدۇ. ئىنقىلاب باشلىنىپ ئالتىنچى كۈنىلا رىزۋانگۈل بىر قانچە دوستلىرى بىلەن بىللە پىدائىي بولۇپ جەڭگە قاتنىشىدۇ، قىسىمنىڭ شەپقەت ھەمشىرى بولۇپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، مۆلدۈردەك يېغىۋاتقان دۈشمەن ئوقلىرى ئارىسىدا قەھرىمانلارچە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ يارىدار جەڭچىلەرگە شەپقەت يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇن يارىدار بولغان كوماندىر - جەڭچىلەرنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدۇ. ئۇ جەڭلەردىكى ئاجايىپ جاسارىتى ۋە يارىدار جەڭچىلەرگە بولغان كۆيۈمچانلىقى بىلەن كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ شەپقەتلىك، ئەڭ مېھرىبان ھەمشىرىگە ئايلىنىدۇ.
رىزۋانگۈل 1945 - يىلى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بولغان ھەرەمباغ - لەڭشاڭ ئەتراپىدىكى شىددەتلىك جەڭدە ۋاژىلداپ ئۇچۇۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىدار جەڭچىلىرىمىزنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا بېشىغا ئوق تېگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولدۇ. ئۇ قۇربان بولغان چاغدا ئەمدىلا 20 ياشقا قەدەم قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى كىشىلەرنى بەكمۇ ئىچىندۇردى. نۇرغۇن كىشىلەر قېرىنداشلىق مېھرىدىن ئىسسىق ياشلىرىنى ئاققۇزىدى. ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرى ۋەتەن، خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جەڭگە ئاتلانغان ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە ياراتتى. جەڭ مەيدانلىرىدا <رىزۋانگۈل ئۈچۈن ئالغان>، <ۋەتەن ئۈچۈن ئالغا> دېگەن شۇئار ياڭرىدى.
ئۇنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان شېئىر - داستانلار، ھېكايە، ئوچېركلار، ناخشا، سىمفونىيىلەر ئىشلەندى. ئاتاقلىق يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ ئۇنى ئۇلۇغلاپ يازغان <شەپقەت ھەمشىرىسى> دېگەن ئوچېركى ئوقۇش كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلۈپ مىليونلىغان ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان دەرسلىكىگە ئايلاندى. قازاقىستاندىكى مەشھۇر كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروف بىلەن ئاتاقلىق شائىرقادىر ھەسەنوف بىرلىكتە ئىشلىگەن <ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل> دېگەن ناخشا كىشىلەر سۆيۈپ ئېيتىدىغان ناخشىغا ئايلاندى. قۇددۇس غوجامياروف <رىزۋانگۈل> ناملىق سىمفونىيىمۇ ئىشلىدى.