UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتۆمۈر خەلىپە

تۆمۈر خەلىپە

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى تۆمۈر خەلىپە 1891 - يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋان - ياسق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي 1893 - يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىدۇ. بىراق قوراي يېزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردىكى ئالۋان - ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى. شۇڭا بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ، 1905 - يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ - دە، ياز كۈنلىرى نەنمىڭ سىرتىدا كېسەك قۇيىدۇ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللىنىپ كۆمۈر قازىدۇ. لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بېقىش قىيىن بولۇپ، ئاخىر قۇمۇلغا قايتىپ بېرىپ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بېرىدۇ. زېرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۆگىنىۋالىدۇ. ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت، ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ، ئېزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنى چۈشىنىۋالىدۇ. 1907 - يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى رەجەپ ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرۇلىدۇ. بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەر قېتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ: <رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا دېھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالاتتى> دەيدۇ. بىر كۈنى تۆمۈر ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخقە باغلاپ ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۈستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ. دېھقانلار <بۇ قانداق باتۇر بالىكەن - ھە، بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس...> دېيىشىپ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ. دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ ئائىلىسىگە قايتىش ۋاقتىدا ئۇنى ئۇزۇتۇپ ماڭغان تۆمۈر: <سىز يەنىمۇ ساقىيىڭ، بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋېتىمىز. خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا، ۋاڭنى قۇمۇلدىن قوغلىۋېتىمىز...> دەيدۇ. تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ. تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقىنى (ۋەقە تېرىيدىغانلىقىنى) ئويلاپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ. شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ. ۋاڭ تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ. 1910 - يىلى تۆمۈر خەلىپە ئىككىنچى قېتىم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى. مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۇي ئورنىنى يۈەن داخۇاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. يۈەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتۇشۇپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئىچكىرىسىدىن ياڭ زېڭشىننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا خۇيزۇلاردىن چېرىك تۇتۇپ بەش باتالىيون قۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلىپە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ، ئىچكىرىدىكى ئىنقىلابىي پارتىيە ئەھۋالىنى، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ ئېپى كەلسە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ. تۆمۈر ئۈرۈمچىدە كۆرگەن، بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاب يولىدا ئىزدىنىدۇ. تۆمۈر خەلىپە ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلابى غەلبىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئاشكارە ھالدا <قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى> دەيدۇ. تۆمۈر قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقى دېھقان ھەممىلا يەردە تۆمۈرنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ. قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمۈت بىلەن ۋاڭنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى كۈتمەكتە ئىدى. 1912 - يىلى 1 - ئايدا، يۈەن داخۇا ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىلى خەلق قوشۇنىنى توسۇش مەقسىتىدە، قۇمۇل ۋاڭىغا 500 نەپەر ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. قۇمۇل ۋاڭى خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە: <يۈەن داخۇا ماڭا ئىشىنىدۇ، مېنىڭ ۋاڭلىقىم مەڭگۈ ساقلىنىدۇ، كىمكى ۋاڭ ئاغدۇرۇلىدىكەن دەيدىكەن كاللىسى ئېلىنىدۇ!> دەپ خەلققە تەھدىت سالىدۇ ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن خەتەرلىك دە پ ھېسابلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ. تۆمۈر خەلىپە ئۆززلۈكىدىن ئەسكەر بولىدۇ. يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان 500 نەپەر كىشى قۇمۇلدىن ئايرىلىپ يولغا چىقىدۇ. تۆمۈر خەلىپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ھەربىي باشلىقنى پالتە بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. 500 نەپەر ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن - قولغا ئېلىپ كۆتىرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار قىلىپ بەلگىلەيدۇ. بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ، چاقماق تېزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ، دېھقانلار ئۇلارغا كېلىپ قوشۇلىدۇ. ئىنقىلاب باشلىنىدۇ. شەھەرگە قامالغان شاھ مەخسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋىنچاۋ، يۈەن داخۇادىن ياردەم سورايدۇ... 1912 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى شۋەنتۇڭ ئۆزىنىڭ تەخىتتىن چۈشكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتتە تېلېگرامما يوللايدۇ. 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يۈەن داخۇامۇ شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسسلىقىدىن ئىستىپا بېرىدۇ. ئۇ چاغدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ياڭ زېڭشىننى شىنجاڭغا دۇجۇن قىلىپ تەيىنلەيدۇ. تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ خەۋەردىن ھەقىقەتەن خوشاللىنىدۇ. جۈملىدىن <شاھ مەخسۇت ئوردىدىن چىقىپ كەتسۇن! دېھقانلار ئۈستىدىكى ئالۋان - ياساق بىكار قىلىنسۇن!> دېگەن خىتابلار بىلەن شاھ مەخسۇتنى قىستايدۇ. ياڭ زېڭشىن بارىكۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قوشۇن باشلىقى يې شىڭغۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. تۆمۈر خەلىپە بارىكۆلدىكى ھەربىي قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ. يې شىڭغۇ قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ، قىسىملىرى تەسلىم بولىدۇ. نۇرغۇن قورال غەنىمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى 2000 دىن ئاشىدۇ. 1912 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، يۈەن داخۇا ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغاندا، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا چەن گۇاڭخەي بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىدۇ. يۈەن داخۇا بىلەن چەن گۇاڭخەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن قورال غەنىمەت ئالىدۇ (يۈەن داخۇا، چەن گۇاڭخەيلەر 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى يېڭىلىپ، ئىچكىرىگە تىكىۋېتىدۇ). جىددىي ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان ياڭ زېڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆز پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، ھېلى - مىكىر پىلانلايدۇ. ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ سەيتىڭنى تۆمۈر خەلىپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ئون كۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولۇپ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ... ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەتجان ھاپىز دېگەن كىشىدىن تۆمۈر خەلىپىگە خەت ئەۋەتىدۇ. بۇ خەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: <مەن سىزنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇتۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن، سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭىزلەرگە نىسبەتەن مېنىڭ باشتىن - ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق...> دېيىلگەن. دەل شۇ كۈنى ياڭ زېڭشىن قۇمۇل ئامبىلى بەي ۋىنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپى خېتىدە:<تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۆمۈر قارانىيەت ئادەم ئىكەن، ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۈزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ... پېقىر دۇجۇن كەلگۈسىدىكى بالايى - ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئىي باستۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم...> (ياڭ زېڭشىن: <ئىستىغپار ھۇجرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر> 2 - توپلام) تۆمۈر خەلىپە مۇھەممەتجان ھاپىزدىن: <سىز ياڭ دۇجۇنگە (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز؟ ياڭ دۇجۇننىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا، نىمە ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ؟ ياڭ دۇجۇن مىنگونىڭ دۇجۇنى تۇرۇپ، نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ؟...> قاتارلىق 10 نەچچە سوئال قويىدۇ. مۇھەممەتجان ھاپىز جاۋاب بېرەلمەي قايتىدۇ. بۇ ھىيلىسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان ياڭ زېڭشىن خۇيزۇ باتاليوننىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جابى، گەنسۇ - شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۈن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913 - يىلى 3 - ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ. لى شۇفۇ پۇقراچە ياسانغان بولۇپ، دىنى بىلىمىنى ئىشقا سېلىپ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تۆمۈر خەلىپە تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەگبىر ئېيتىپ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭ زېڭشىن ئەۋەتكەن ئالاقىنى ئوقۇيدۇ. ياڭ زېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلىگەنىدى: <بىرىنچى، قۇمۇل ۋاڭىنىڭ دېھقانلار ئۈستىگە قويغان ھەر ئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى ئىككى كۈنگە قىسقارتىلىدۇ. ئىككىنچى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتاليونىغا ئۆزگەرتىلىپ، تۆمۈر باتاليون كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئۈچىنچى، قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ، دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ...> لى شۇفۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەگبىر باشلايدۇ. ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلىپە تەگبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلىپە ياڭ زېڭشىن قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق - شۇمبۇلۇق ئىشلىتىپ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا - ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلىپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قائىدە بويىچە <خەلىپە> دەپ ئاتايدۇ. تۆمۈر خەلىپ قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئۇ چاغدا، ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىي كىچىك دەرۋازىسى سىرتىدا بىر - بىرىگە تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان ئېگىز گازارما بار ئىدى. بىرى، شەرقىي گازارما بولۇپ، شوربۇلاققا، يەنە بىرى، غەربىي گازارما بولۇپ دۇڭمىڭغا يېقىن ئىدى. تۆمۈر خەلىپە قىسىمىنى شەرقىي گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. غەربىي گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى بولغان مافۇشىڭ (ماتىتەي) باتاليونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ، بىئارام بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈرنىڭ تۇڭچىسىنى سېتىۋېلىپ، تۆمۈر خەلىپىنى نازارەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مافۇشىڭغا ھۇشيار تۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. مافۇشىڭ 1913 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش بانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربىي گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە قولغا ئالىدۇ. تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇنى تۈرمىدە قېيىن قىستاققا ئالىدۇ. خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈرگە <گۇناھ مەندە ئەمەس، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز، مەن سىزنىڭ باتۇرلىقىڭىز ۋە ئەقىل - پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن. سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى تەڭرى ئالدىدىمۇ مېنىڭدىن كۆرمىگەيسىز. ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىمەن> دەيدۇ - دە، خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. خائىن نالە - پەريات قىلغاندا، <ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كېلەتتىمۇ؟...> دەيدۇ ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا. مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئوتتۇرىسىدا تۆمۈر خەلىپىگە ھەربىي تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. پېشقەدەم يىجاڭ روزى ھاجىم ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈىدۇ. ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ. خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەۋرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن 50 قەدەملەر ئىچكىررەك بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ. تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز، دېگەن بانا بىلەن ئېلىپ مېڭىپ، گۇچۇڭدىكى چۋەنزىگەي دېگەن يەردن ئۆتكەندە ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ. تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىنىسى شاكىر تۇرپان ئەتراپىدا ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلۈپ 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېقانلار قوزغىلىڭ پارتلايدۇ. قوزغىلاڭ يالقۇنى تېزلا پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭنى قاپلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى