UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىكېۋىر نىياز

كېۋىر نىياز

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر كېۋىر نىياز 1921 - يىل 11 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1933 - يىلدىن 1939 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى <ئۈمىد> مەكتىپىدە ئوقۇغان ۋە 1944 - يىلىغىچە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېۋىر نىياز 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، تەشۋىقات ۋە مەدەنىي مائارىپ ساھەلىرىدە ئىشلىگەن، 1951 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك رادىئو ئۇزېلىدا ۋە ئىلى دارىلمۇئەللىمىندە ئىشلىگەن، 1956 - يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا، 1959 - يىلدىن تارتىپ ئىلى تېببىي تېخنىكومىدا ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە. كېۋىر نىيازنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1936 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئاتىدۇ ئاخىر بەختىمىز تېڭى> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ، 40 - يىللاردا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ دالالىتى بىلەن <ئايىمغا تۆھمەت>، <جىياڭ جيېشىنىڭ چۈشى> قاتارلىق دارمىلارنىمۇ يازغان. كېۋىر نىياز يەنە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم <ئېلىپبە> دەرسلىكىنى ۋە 1 - سىنىپتىن 5 - سىنىپقىچە بولغان تىل دەرسلىكىنى تۈرگەن ھەم بۇ ئەمگىكى ئارقىلىق ئۇيغۇر مائارىپىغا مۇناسىپ ھەسسە قوشقان. كېۋىر نىيازنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يېڭىش تۇيغۇسى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى (1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. كېۋىر نىياز شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى