ئابلىمىت مەسئۇدى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى ئابلىمىت مەسئۇدى 1932 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، يۇرتىدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، 1950 - يىلى شىنجاڭ كادىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1951 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۆلكىلىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، شۇنىڭدىن باشلاپ بىر مەزگىل <شىنجاڭ ياشلىرى> گېزىتىدە، 1981 - يىلغىچە <1 - ئىيۇل> توقۇمىچىلىق فابرىكىسى ۋە مائارىپ ۋە مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئۇ، 1981 - يىل 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئابلىمىت مەسئۇدىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1950 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ ھېكايىچىلىق بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇ مەزگىللەردە <ساراڭ ساقايدى>، <ئۇ، ئۆز يولىنى تاپتى>، <ئازاد يېزىنىڭ قىزى> قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلارنى يېزىپ ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلاردىن بولۇپ قالغان، بىر قىسىم ھېكايىلىرى 50 - يىللاردا ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئابلىمىت مەسئۇدىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <دەسلەپكى قەدەم> (1957 - يىل، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار(بۇ ھېكايىلار توپلىمى 1992 - يىلى قايتا بېسىلغان). ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
ئابلىمىت مەسئۇدى ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.