UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنورۇز ئاخۇن زىيائى

نورۇز ئاخۇن زىيائى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى نورۇز ئاخۇن زىيائى ئابدۇرەھىم نىزارىنىڭ زاماندىشى ۋە يېقىن دوستى ئىدى. نىزارى لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسىدا تۈزگەن توپلىمىنىڭ خاتىمىسىدە زىيائى ھەققىدە: «زىبائى لەقەب بار ئىدى دىلىپسەند، مۇساھىب بولۇپ بىزگە ئۇل دەرمەند.» دەپ يېزىپ، بىر تەرەپتىن ئىككىسىنىڭ قېلىن دوست - ئۈلپەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن زىيائىنىڭ دەردمەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتىدۇ. 1841 - يىلىدىن 1843 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ نىزارى بىلەن بىللە تۇرپانغا _ ئەفرىدۇن ۋاڭ ھۇزىرىغا بېرىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغىنىدا ئۆز ئەسەرلىرىنى قايتا ئىشلەپ.، نىزارى بىلەن ھەمكارلىقتا تۈزگەن ئەدەبىي توپلامغا ئۆزىنىڭ «ۋامۇق _ ئۇزرا»، «مەسئۇد _ دىلئارا» داستانلىرىنى كىرگۈزىدۇ ھەمدە توپلام تەركىبىگە كىرگەن ئەڭ يىرىك ئەسەر _ «چاھار دەرۋىش» نى نىزارى بىلەن بىرلىكتە يېزىپ چىقىدۇ. شائىر زىيائىنىڭ «مەھزۇنۇل ۋاھزىن» داستانى ئالتە مەۋئىزە (ۋەز - نەسىھەت، ئۈگۈت)، يەتتە ماقال، بەش تەمسىلنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ 4800 مىسرادىن تۈزۈلگەن دىنىي، ئەخلاقىي، دىداكتىك ئەسەر بولۇپ، شائىرنىڭ نوپۇزلۇق ئەمگىكى قاتارىغا كىرىدۇ. داستاندا شائىرنىڭ ئانا يۇرتى _ قەشقەر ھەققىدە يازغان لىرىك شېئىرلىرىدا تۆۋەندىكىدەك قۇرلار ئۇچرايدۇ: بىلمىدۇق كاشىغەر چىمەنمۇ ئىكەن، گۈلى گۈلزارىدا سەمەنمۇ (گۈلنىڭ بىر خىلى) ئىكەن. يەتسە بويى ئەگەر دىمانىڭگە، باقمايىن مەرھەلە (قونالغۇ) ياراغىڭگە. ھەرقاچان بولسا سۇ چىمەنگە نۇزۇل (چۈشكەن، يەتكەن)، ئەيلىگەيلەر بۇ گۈلشەن ئاھۇ ھەمۇل (غايىب، يوقلۇق) شائىر ئەسىرىدە ئىلىم - پەننىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى توغرىسىدا مۇنۇلارنى يازىدۇ: ئىلىم بىر گەۋھەردۇر ئىنسانغا، زەنۇ مەرد گاداي ۋە سۇلتانغا. ئىلىم ئىككى جاھانغا مايە (جەۋھەر؛ دەسمايە) بىل، ھەم قىزىق كۈندە باشقا سايە، بىل ئادالەت، ئىلىم - مەرىپەت، چىن ئىنسانىي مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىغان شائىر نورۇز ئاخۇن زىيائى ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن ئەدەببىياتىمىزدا پەخىرلىك ئورۇن تۇتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نورۇز ئاخۇن زىيائى | UyghurWiki | UyghurWiki