UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىبۇرھان شەھىدى

بۇرھان شەھىدى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى بۇرھان شەھىدى 1894 - يىلى روسيىدە تۇغۇلغان، 1912 - يىلى شىنجاڭغا كەلگەن. ئۇ، ئۈرۈمچىدە پىركازچىكلىق قىلغان، تاموژنا ئىدارىسىدا باج تەكشۈرگۈچى، ئۈرۈمچى تۇنجى ماشىنا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 30 - يىللاردا شىنجاڭ ئۆلكىلىك تەمىرات ھەيئىتى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى زەيساندا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. 1945 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مۇئاۋىن رەئىسى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى بولغان. ئۇ، 1929 - يىلى گىرمانىيىگە ئوقۇشقا چىققان مەزگىلىدە، ماركسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيىسىنى ئۆگەنگەن ۋە ئوقۇش مەزگىلىدە كۆپ قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ماركسىزم - لېنىنىزم ۋە سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە بولغان. 1933 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، ئىنقىلابىي تەشكىلاتقا قاتناشقان ۋە شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانىدى. ئۇ 1989 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 95 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
بۇرھان شەھىدى | UyghurWiki | UyghurWiki