قاسىمى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا (1799 - يىلى) ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە شائىر قاسىمى «تەزكىرەئى ئارسلانخان» ناملىق تارىخىي داستانىنى يازدى.
قاسىمىنىڭ بىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن، 2112 مىسرادىن تۈزۈلگەن بۇ شېئىرىي داستانى ئىشەنچلىك تارىخىي مەنبەلەر ئاساسىدا سۇلتان سۇتۇق بوغراخاننىڭ ئەۋرىسى يۈسۈپ قادىر ئارسلانخاننىڭ ھاياتىنى يورۇتۇپ بېرىشكە ۋە ئۇنىڭ خوتەن رايونىغا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى بايان قىلىشقا بېغىشلانغان.
ئەسەرنىڭ مەزمۇنى خېلىلا كەڭ دائىرىدە بولۇپ، ئۇنىڭدا شۇ دەۋرلەردىكى يەر مەسىلىسى، دېھقانلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر ئەھۋاللارمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇنداقلا، داستان ئىبرەت خاراكتېرىدىكى بەزى شېئىرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
تارىخىي ماتېرىياللاردىن قاسىمى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. پەقەت «تەزكىرەئى ئارسلانخان» داستانىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ۋە ئورنىغا قاراڭ ئۇنىڭ 18 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قەشقەردە ياشاپ ئىجاد قىلىنغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن.