UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابدۇللا روزى

ئابدۇللا روزى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرى بىرى، شائىر، دراماتورگ ئابدۇللا روزى 1919 - يىلى ئۈچتۇرپاندا كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ يەتتە يېشىدىن 17 يېشىغىچە دىنىي مەكتەپتە ئوقوش داۋامىدا شەرق ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ۋەكىللىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان. 1935 - يىلى ئۈچتۈرپاندا ئېچىلغان دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە كىرىپ ئوقوغان. دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يېزىلاردا ئوقوتقۇچىلىق قىلغان. 1936 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ئابدۇللا روزى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە كىرىدۇ. ئۇ بۇ مەكتەپتە تېزلا ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقوغۇچى، ئۇستا ناتىق سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. ئۇنىڭ «ئارزۇ» تەخەللۇسى بىلەن يازغان بىر قانچە پارچە پەلسەپىۋى - ئىلمىي ماقالىلىرى «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلىدۇ. ئابدۇللا روزىنىڭ تەخەللۇسى كېيىن مەكتەپتىكى ئۇ قاتناشقان ۋە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان «ئەدەبىي سۆھبەت مۇنبىرى» ناملىق كۇرژكىنڭمۇ نامى بولۇپ قالىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ «تەرتىپ بۆلۈمى» تەرىپىدىن بۇ كۇرژۇك «ئەكسىيەتچىل» دەپ قارىلىنىپ تارقىتىۋېتىلىدۇ. ئابدۇللا روزى ئوقوشتىن توختىتىلىپ، ماناس ناھىيىسىگە ھايدىلىدۇ. ئابدۇللا روزى ماناسقا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ماناس ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى باشلىقى گوچۇڭخۇانىڭ ھېسداشلىقىغا ئىگە بولىدۇ، ئۇ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدەد مۇپەتتىش، قوشۇمچە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ھەمدە جاھالەت - نادانلىققا، ساۋاتسىزلىققا قارشى تۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان «تۆمۈر ئاكا ئويغاندى» ناملىق درامىنى يېزىپ سەھىنلەشتۇرىدۇ. دراما ماناستىنلا ئەمەس، ئۈرۈمچى، قۇتۇپى، ئالاۋۇسۇن قاتارلىق جايلاردىمۇ ئوينىلىپ، زور تەسىر قوزغايدۇ. گوچۇڭخۇا 1940 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە باشلىق بولۇپ يۆتكەلگىنىدە، ئابدۇللا روزىنىمۇ بىللە يۆتكەپ كېلىدۇ. ئابدۇللا روزى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدە مائارىپ باش مۇپەتتىشى بولۇپ ئىشلەپ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە مۇئەييەن ئىلىگىرىلەش بەرپا قىلىدۇ. ئۇ «ئاقسۇ گېزىتى» دە «تەلىم - تەربىيە ئوچېرىكلىرى» ناملىق ئۇزۇن ماقالىسىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، يېڭى مائارىپ ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ. بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرىنى تەشكىل قىلىپ، ئۆزى دەرس ئۆتىدۇ. 1943 - يىلى ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا پالىنىپ كېلىدۇ. ئورتاق ئىنقىلابىي غايە، جۇش ئۇرۇپ تۇرغان غەيرەت - شىجائەت، قىزغىنلىق ئابدۇللا روزى، لۇتپۇللا، مۇتەللىپلەرنى ئىنقىلابىي دوست، سەبداشلارغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇللا روزى «ئۆگەي ئانا» درامىسىنى يېزىپ، مەكتەپتە سەھنىلەشتۈرىدۇ. بۇ دراما ئاقسۇدا ۋە ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ناھىيىلەردە ئوينىلىپ، زور تەسىرق قوزغايدۇ. ئابدۇللا روزى بىر قىسىم شېئىر ۋە ناخشا تېكىستلىرى يازغان ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. ئۇ تېكىستىنى يازغان «بىلىم بېغىدا» قاتارلىق ناخشىلار ئوقوغۇچىلار سۆيۈپ ئېيتىدىغان جەڭگىۋار مارىشقا ئايلانغانىدى. ئۇ يەن «ئاقسۇ گېزىتى»دە «ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى»، «كەلپىن ۋە دولان شېۋىلىرى» ناملىق ئىلمىي ماقالىلىرىنى، «<لەيلى - مەجنۇن> ئوپېراسى سەھنىدە ئوينىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن» ناملىق ئوبزورىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ل . مۇتەللىپ بىلەن ھەمكارلىقتا يازغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق ئەسەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىنىڭ مۇھىم ئەدەبىيات دەرسلىكى بولۇپ قالغانىدى. ئابدۇللا روزى شۇ يىللاردا ئاقسۇدا قۇرۇلغان «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ تەشكىلللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى سۈپتىىدە، ئىنقلابىي كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ ئازادلىق يولىدا ھارماي - تالماي كۈرەش قىلدى. ئەپسۇسكى، 1945 - يىلى ئۇ ئىنقىلابىي سەپداشلىرى مۇنىرىدىن خوجا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزىلەر بىلەن بىللە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلنىڭ 18 - سېنتەبرىدە ۋەھىشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى. ئۇ شۇ چاغدا 26 ياشتا ئىدى. ئابدۇللا روزى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى، يېڭى زامان دېموكراتىك ئەدەبىياتىغا قوشقان مۇناسىپ تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇللا روزى | UyghurWiki | UyghurWiki