مۆمىن مۇھەممىدى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدى 1931 - يىلى ئىلىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئىلىدا ئوقۇپ تاماملىغان، 1948 - يىلدىن 1950 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك تەربىيلەش كۇرسىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەتكە قاتنىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، <ئىلى ياشلىرى>، <ئىلى دەرياسى> قاتارلىق مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
مۆمىن مۇھەممىدىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1956 - يىلدىن تارتىپ باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ھېكايىلىرى ۋە بىر قىسىم ئوچېرك، فېليەتون، ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان.
مۆمىن مۇھەممىدىنىڭ نەشرقىلىنغان ئەسەرلىردىن <ۋەسۋەسە> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <تۇنجى قەدەم> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق ھېكايىلار توپلىمى بار.
مۆمىننىڭ مۇھەممىدى ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات - سەنئىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.