UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىموللا قۇربان

موللا قۇربان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر موللا قۇرباننىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ۋە «داستانى ئىمام جەئفەرى سادىق» ناملىق داستانىدىن تەشكىل تاپقان بىر قول يازما توپلىمى 1986 - يىلى خوتەن شەھىرىدىن تېپىغان. قول يازما 200 بەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ 152 بېتىگە موللا قۇرباننىڭ شېئىرلىرى ۋە داستانى كۆچۈرۈلگەن. قول يازمىدىكى شېئىرلاردىن بۇرۇنراق يېزىلغىنى، 1854 - يىلى يېزىلغان بىر مەرسىيە بولۇپ، شېئىرلارنىڭ 1859 - 1860 - يىللىرى، داستاننىڭ 1870 - 1871 - يىللىرى كۆچۈرۈلگەنلىكىگە قاراپ، شائىر موللا قۇرباننىڭ 19 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن 70 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. شائىر موللا قۇرباننىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىڭ مەلۇمات يوق. شائىرنىڭ چىرىيىدىكى ئىماملار مازىرىنى تەرىپلەپ يازغان بىر شېئىرىدىكى: «تەمامى مىڭ چىرا _ ئىت، قۇشلىرىدۇرمىز بۇ دەرگاھنىڭ، چىرا ئادەملەر بولسۇن ۋەيا بولسۇن گۈلەخمارى.» دېگەن مىسرالاردىن ئۇنىڭ يۇرتىنىڭ چىرىيە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. شائىر ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كىرىيە ۋە خوتەنلەردە ئۆتكۈزگەن. ئۇ بۇ ھەقتە: «گاھى كەريە گاھى خوتەندە يۈرۈپ، تۇتمادىم ئۆيمۇ بىر ۋەتەندە يۈرۈپ.» دەپ يازغان. شائىر موللا قۇربان ئۆز شېئىرلىرىدا يەنە ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك قېلىپ يىتىملىك، غېرىبلىقتا كۈن ئۆتكۈزگەنلىكىنى يازغان ھەمدە ئۆز ئائىلىسىنىڭ غۇربەتلىك تۇرمۇشىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «شەھرى غۇربەتكە تۈشۈپ بولمادى بىزگە كەڭلىك، تۈگەگەچ ئاشلىقىمىز بولدى بەغايەت تەڭلىك. نەفسىگە بەرگەلى ھېچ نەرسە تاپالماي قۇربان، خارلىقغە قالادۇر گاھى مۇبارەك رەمازان. بالالارغە بولادۇر كەرسەنەلىك بىرلە زۇلۇم، ئۇرۇپ ئالماققا ھۆكمۈم يوق، ساتىپ ئالماققا پۇلۇم. تام تېشىپ قىلسام ئوغرىلىق تېخى ھەم بولماغۇدەك، بەگلەرىم تۇتسە، تۇتۇپ جاننى، تىرىك قويماغۇدەك.» شائىر موللا قۇربان شېئىرلىرىدا زامانىسىنىڭ رېئال زىددىيەتلىرىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشقان بولۇپ، بۇ خىل ئىجابىي تەرەپلەر ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا كۆزگە خېلى كۆپ تاشلىنىدۇ. موللا قۇرباننىڭ شېئىرلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئىقتىدار ۋە ئورگىناللىققا ئىگە شائىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. بۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى شائىرنىڭ نەۋائى غەزەللىرىگە يازغان مۇخەممەسلىرىدە روشەن كۆرۈلىدۇ. بۇ مۇخەممەسلەر مەيلى مەزمۇن ياكى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن ئاساسىي غەزەل بىلەن ياخشى ماسلاشقان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى