UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىزۇردۇن سابىر

زۇردۇن سابىر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى زوردۇن سابىر 1937 - يىلى غۇلجا ناھىيسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپكى ساۋاتىنى ئۆز يېزىسىدا چىقىرىپ، كېيىن شەھەرگە كىرىپ ئوقۇغان، 1957 - يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، <ئىلى گېزىتى> ئىدارىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان؛ 1958 - يىلى لەنجۇغا بېرىپ، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغان؛ 1964 - يىلى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، غۇلجا شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1979 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. زوردۇن سابىر 1981 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى، 1989 - يىلدىن بۇيان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن. زۇردۇن سابىر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1961 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلدا ئېلان قىلىنغان <ئاق ئۆرۈك> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، كېيىنكى يىللاردا مەخسۇس پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، پروزا ئىجادىيىتىگە 1972 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <تاغ كەينىگە ئۆتكىچە> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن ھەم شۇ يىللاردا يەنە <ئاۋرال شاماللىرى> رومانىنى يېزىشقا كىرىشكەن. 80 - يىللار زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان. ئۇ، مۇشۇ يىللاردا <قەرزدار>، <قوبۇلخانىدا>، <قوشنىلار>، <جىگدىلەر پىچىرلايدۇ>، <ئىھ، توپىلىق يول>، <ئۇنتۇمايمەن، گۈلسارە>، <تارىم سۈيى كەينىگە ئاقمايدۇ> قاتارلىق ھېكايىلارنى؛ <دولان ياشلىرى>، <سۈبھى>، <خەيرلىك ئىش>، <ئارچا ياپرىقى>، <ۋاپادارلار>، <باھار ھامان ئىللىق>، <خىرە دېرىزە>، <كۈز> قاتارلىق رومانلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پروزىچىلىقىنى يېڭىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشتا ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىدا زور رول ئوينىغان. زوردۇن سابىر 1992 - يىلى <تەڭرىتاغ> ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە <كىتابخانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان يازغۇچى> لارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئاسالىق ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا، بەزى ئەسەرلىرى نېمىس، ئەرەب، تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. زوردۇن سابىر 1987 - يىل 10 - ئايدا <ئىزدىنىش> رومانىنى نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلغان توماسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن گېرمانىيدە زىيارەتتە بولغان ھەم شۇ جەرياندا <يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى> دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن، ئۇ يەنە 1988 - يىلى تەكلىپ بويىچە سەئۇدىي ئەرەبىستانى ۋە تۈركىيىلەردە زىيارەتتە بولغان. زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. زوردۇن سابىر مول ھوسۇللۇق يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <شەبنەم> (1980 - يىل،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ئاۋرال شاماللىرى> (1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <ساداقەت> (1983 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ئارچا ياپرىقى> (1984 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <ئىزدىنىش> (1 - قىسىمى 1984 - يىل، 2 - قىسمى 1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <جىگدىلەر پىچىرلايدۇ> (1987 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ئۇنتۇمايمەن، گۈلسارە> (1989 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى، <باش - ئاخىرى يوق خەتلەر> (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى، <ئاتا> (1994 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار. زوردۇن سابىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى