UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىرەخىم قاسىم

رەخىم قاسىم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، ژۇرنالىست رەخىم قاسىم 1936 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1943 - يىلدىن 1951 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1951 - يىلدىن 1953 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن <شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى> (ھازىرقى <تارىم>) ژۇرنىلىدا، كېيىن <ئەدەبىي تەرجىمىلەر> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. رەخىم قاسىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1951 - يىلى <ئالغا> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <يۈكسەك پەللىگە> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ئون نەچچە پارچە داستان ھەم باللادا يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ، 1961 - يىلى خۇاڭ ليۇ بىلەن بىرلىشىپ <ئىككى ئەۋلاد> ناملىق كىنو سىنارىيىسىنى يېزىپ چىققان. رەخىم قاسىم يەنە بىر قىسىم ئىلمىي ۋە تەنقىدىي ماقالىلەرنى، ساياھەت خاتىرىلىرىنى يازغان. ئەدەبي تەرجىمە رەخىم قاسىم ئەدەبىي پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مەشھۇر ئەسەرلەنى تەرجىمە قىلغان. رەخىم قاسىم 30 نەچچە يىل مەخسۇس ژۇرنالىستلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ بۇ ساھەدىمۇ زور نەتىجىلەرنى ياراتقان. رەخىم قاسىمنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <بىرنىڭ ئىرادە> (1956 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <ھاياتقا مەدھىيە> (1980 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <يەر - ئانا> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <يۇلتۇزلۇق كېچە> (1993 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <چولپان> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلاملىرى بار، بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپتلارغا ئېرىشكەن. رەخىم قاسىم ھازىر مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى