UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىقۇربان نىياز شاھىدى

قۇربان نىياز شاھىدى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى قۇربان نىياز شاھىدى 1892 - يىلى تۇرپاندا دېھقان - سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە تۇرپان ئاستانىدە موللا خەلپەتتە، كېيىن ئاستانىدە ئېچىلغان يېڭىچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا قۇربان نىياز، ئەمەت ۋاجىدىنىڭ دادىسى توختى ھاجىم بىلەن بولغان تۇغقانچىلىقى ئاساسىدا، توختى ھاجىمنىڭ ئىچىكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان سودىسىغا قاتنىشىپ، جۇچۇەن، لەنجۇ قاتارلىق جايلاردا سودا قىلىدۇ. قۇمۇل دېھقانلىرى قوزغىلىڭى باشلىنىپ، تۇرپان، توقسۇن، پىچانلارغا كېڭەيگەندە تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىغا قوشۇلىدۇ. 1932 - يىلى 6 - ئايدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى قوشۇنى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغاندا مەھمۇت مۇھىتى قىسىمىدا 2 - تۈەنننىڭ باشلىقى بولىدۇ. 1934 - يىلى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلى قۇربان سەئىدى، سايىم ئاخۇن، ئابدۇللا ئەپەندى، مۇئاۋىن تۈەنجاڭ ئەمەت مەسۇملار بىلەن بىرلىكتە 1 - قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا چىقىپ، 1935 - يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرۇپ قەشقەرگە كېلىدۇ ۋە 4 - تۈەننىڭ باشلىقى بولىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ شېڭ شىسەيگە بەرگەن ۋەدىسى بويىچە مەھمۇت مۇھىتىغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ خىزمەت كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر پۇتى ناكا بولىدۇ. كېيىن قۇرباننىياز شاھىدى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ، شېڭ شىسەي ساقچى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىغا رەئىس بولىدۇ. 1939 - يىلى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ سوۋېتپەرەسلەرنى قولغا ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا قۇربان نىياز شاھىدى، قۇربان سەئىدى، ئابدۇللا داموللا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تۇرپان، پىچان، توقسۇندا دېھقانلار توپىلىڭىنى پىلانلىغۇچىلار دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى