مەخسۇت مۇھىتى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مەرىپەتپەرۋەر مەخسۇت مۇھىتى 1885 - يىلى تۇرپان ئاستانىدا ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن كونا مەكتەپ ۋە مەدرىسلەردە ئوقۇغان. ئۇ 1910 - يىلى سودا - تىجارەت بىلەن ئۈرۈمچى، چۆچەك ۋە روسىيىنىڭ شەمەي، قازان، موسكۋا قاتارلىق جايلىرىغا بارغان. ئۇ يەرلەردە بىر تەرەپتىن سودا قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن سەيلە - ساياھەت قىلىش بىلە تۇرمۇش ئۆگەنگەن. نەتىجىدە ئۆز يۇرتىنىڭ ناھايىتى ئارقىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يۇرتىدا يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش قارارىغا كەلگەن ۋە قازاندا بىر بۆلۈك تاتار زىيالىلىرى بىلەن سۆزلىشىپ ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا مەكتەپ ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
1913 - يىلى، ئۇ قازاندىن ھەيدەر ئەپەندىنى يۆتكەپ كېلىپ تۇرپاندا ئۆز قورۇسى ئالدىدا زامانىۋى بىر مەكتەپ سېلىپ ئوقۇغۇچى تەربىيلەيدۇ.
1917 - يىلى مەخسۇت مۇھىتى موسكۋاغا بارغاندا، ھەبىبۇللا ئەپەندى، گۈلەندەم ئاۋىستاي، ئەلى ئىبراھىم، ھېسامىدىن ئەپەندى قاتارلىق ئالتە نەپەر ئوقۇتقۇچىنى شىنجاڭغا يۆتكەپ كېلىدۇ ۋە گۈلەندەم ئاۋىستاينى تۇرپاندا ئېلىپ قېلىپ قىزلار مەكتىپى ئاچىدۇ. باشقىلارنى چۆچەك، تۇرپان بازىرى، گۇچۇڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەقسىم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەكتەپ تەمىناتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. كېيىن، بۇ مەكتەپلەر <مەخسۇتىيە مەكتىپى> دەپ ئاتىلىدۇ.
1931 - يىلى قۇمۇلدا قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيگەندە، ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، كۈكچۈندە شېڭ شىسەي ۋە ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئوق تېگىپ قۇربان بولىدۇ. مەرھۇمنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۇنىڭ تېنىنى لۈكچۈن شەھرىنىڭ سىرتىدىن، بېشىنى تۇرپان شەھرىنىڭ دەرۋازىسىدىن تېپىپ كېلىپ ئاستانىغا دەپنە قىلىدۇ.