ئابدۇكېرىم ھاشىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇكېرىم ھاشىم 1946 - يىل 4 - ئايدا بۆرتالا شەھىرىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى بۆرتالادا، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تېخنىكومنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1980 - يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە <ئىلى گېزىتى> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئابدۇكېرىم ھاشىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1965 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <بۈركۈت> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە شېئىر ۋە ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ھەسەن - لەگلەك> (1988 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <غالىب ئادەم> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - شېئىرلار توپلاملىرى بار.
ئابدۇكېرىم ھاشىم ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.