UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمە تۇللا

موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمە تۇللا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»(«مۇزىكىچىلار تارىخى») ناملىق رىسالىسى بىلەن تونۇلغان موللا نېمە تۇللا ئوغلى موللا ئىسمەتۇللا (مۆجىزى) نىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى بىز ھازىرىچە ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمە ۋە خاتىمە قىسمىدا بېرىلگەن بايانلاردىن ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. مۆجىزى «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» نى 1828 - يىلدىن باشلاپ چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خوتەنگە ھاكىمبەگ قىلىپ تەيىنلەنگەن ئەلىشىرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مىلادى 1854 - 1855 - يىللىرى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدىن، مۆجىزىنىڭ 19 - ئەسىردە خوتەنگدە ياشاپ ئىجاد ئەتكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن. «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» دا ئەلىشىر ھاكىمبەگ تىلىدىن مۆجىزى تەرىپىگە بېرىلگەن مۇنداق جۈمىلىلەر بار: « سەنكىم كەسپىڭ ھەم مۇسىقىدۇر ھەم ئەبيات (شېئىر، بېيىت)مەملىكەتنىڭ بۇلبۇلۋار سۇلتانى، ئەدەبىيات مۈلكىنىڭ تۇتى شىرىن لىسانىدۇرسەن (لىسان - تىل، سۆز) ھەم خۇش پۈتكۈچى ھەم دىلكەش ئەيتقۇچى سەندۇرسەن.» («تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» )بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982(، 25- بەت.) بۇ تەرىپلەردىن موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ئۆز دەۋرىدە داڭلىق سازەندە، ئەدىب ھەمدە ئۇستا خەتتات، ماھىر ناخشىچى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىدىن پەقەت بىزگە تارىخىي - ئەدەبىي تەزكىرە تىپىدىكى ئەنە شۇ ئەسىرىدىلا يېتىپ كەلگەن. «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» دا ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە مۇكەممەللىنىش جەريانى، ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقى تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان مۇزىكا ئۇستىلىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن. گەرچە بۇ مەلۇماتلارنىڭ بىر قىسمى رىۋايەت خاراكتېرىنى ئالغان بولىسمۇ، مەلۇم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى يەركەن خانلىقى دەۋرى مەدەنىيىتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرى بولغان قىدىرخان يەركەندە ۋە ئاماننىساخان (نەفىسى) ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى قىدىرخان، ئاماننىساخان ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا مۆجىزىنىڭ مۇشۇ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلاندى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى