UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئوسمانجان ساۋۇت

ئوسمانجان ساۋۇت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان ئوسمانجان ساۋۇت 1945 - يىل 10 - ئايدا ماناس ناھىيسىدە موزدوز ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپنى ماناس ناھىيسىدە ئوقۇپ تاماملاپ، 1962 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1966 - يىل 6 - ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1973 - يىل 12 - ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايىتىدە قايتا تەربىيە ئالغان ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان؛ 1974 - يىلدىن ئېتىبارەن ساۋەن ناھىيسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1986 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، <ئەدەبىي تەرجىمىلەر> ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن، ھازىر <تارىم> ژۇرنىلىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ئوسمانجان ساۋۇت ئەدەبىيات ساھەسىگە 1961 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلغان <شىخەنزە> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر شېئىرلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان. ئوسمانجان ساۋۇت ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بەي خۇا قاتارلىق خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ، يېسنىن قاتارلىق چەت ئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <تاڭ لىرىكىسى> (1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق شئېىرلار توپلاملىرى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئوسمانجان ساۋۇت ھازىر <تارىم> ژۇرنىلىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى