ئابدۇ قادىر ھاجى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇ قادىر ھاجى ئاتۇش تىجەندە 1904 - يىلى تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ھاللىق سودىگەر بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى ھازىرقى بېشكەككە بېرىپ سودا قىلغان، قارا قولدا يەر - زېمىن ئېلىپ سودا سارايلىرى قۇرغان. ئابدۇقادىر ھاجى مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، دىنىي مەكتەپنى تىجەندە، پەننىي مەكتەپنى قاراقولدا ئوقۇيدۇ. قارا قولدا ئوقۇش مەزگىلىدە، قاراقول شەھەرلىك «لېنىنچىل كوممۇنىستىك ياشلار سايوز» غا ئەزا بولۇپ كىرىدۇ. كېيىن مەخسۇس مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ۋە كۆپ قېتىم يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، خەلق ئارىسىدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن يېڭىلىقلارنى تەشۋىق قىلىدۇ، قاراقولدىن ئېلىپ كەلگەن پاتېفون پلاستىنكىلىرىنى قويۇپ ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، يېڭىچە سەنئەتنى تەشۋىق قىلىدۇ. 1930 - يىللاردا ۋەتەنگە قايىتىپ، ئابدۇراخمان رەھىمى (كېيىن ئابدۇراخمان ئەپەندىم دەپ ئاتالغان، ئۇ كىشىنى بىلمەك بولسىڭىز مۇشۇ كىتابنىڭ 3 - بابىدىكى تەرجىمىھالىغا قاراڭ) نىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئاتۇش دىيارىدا ئىنقىلاب ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ.
ئابدۇراخمان رەھىمى مادوتەينى ئەۋەشكە كەلتۈرۈپ، قاماقدىكى ئوسمان ئېلىنى ئازاد قىلىپ تۆمۈر ئېلىگە قارشى قوراللاندۇرىدۇ. ئوسمان ئېلى قوراللىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىسيان كۆتۈرۈپ، تۆمۈر ئېلى بىلەن بىرلىشىدۇ. ئوسمان ئېلى قوشۇننى قايتۇرۇپ ئاتۇشقا كەلگەندە، ئابدۇقادىر ھاجى ئۆزى تەييارلىغان نەچچە يۈز ئادەم ۋە خەلقنى باشلىقى بولىدۇ.
ئوسمان ئېلى قىسمى قەشقەرگە كىرگەندە، ئابدۇقادىر ھاجى نەچچە يۈز ئەسكەر بىلەن (خەلق ئاغزىدا تۇەنجاڭ ئاتىلىپ) قەشقەرگە كىرىدۇ ۋە ئوسمان ئېلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياراشتۇرغۇچى، بەزىدە خەۋەر يەتكۈزگۈچى بولىدۇ. 1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ھەممە قوشۇن ئىچىدە باردى - كەلدى ھەرىكەتتە بولىدۇ. ئاخىر ئابدۇنىياز قوشۇنىدا بولىدۇ. ئابدۇنىياز ۋە ماخوسەنلەر قوشۇنى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلان، تانكا ۋە ئاتلىق قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغاندا، ئابدۇقادىر ھاجى ئامان قىلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كېتىدۇ. 1947 - يىلى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، قەشقەر باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن ئائىلىسىدە بولىدۇ.
1987 - يىلى 83 يېشىدا قېرىلىق ۋە كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ.