ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر، يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 1951 - يىل 10 - ئايدا خوتەن ۋىلايىتى چىرىيە ناھىيسىنىڭ چىرىيە يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى چىرىيىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1972 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ <شىنجاڭ ياشلىرى> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1962 - يىلى <خوتەن گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ھارماس قوللار> ناملىق شېئىرى بىلەن رەسمىي باشلانغان، بولۇپمۇ ئۇ، <مۇقام ھەققىدە مۇخەممەس>، <قەشقەر ھەققىدە ئۈچ غەزەل> قاتارلىق شېئىرلارنى؛ <ستودېنتلار>، <ئاق - قارا>، <ھەسەن - ھۈسەن> قاتارلىق بىر مۇنچە داستانلارنى ئېلان قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ ئورتاق ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئاساسەن پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <ئۈچ بولكا>، <سېرىق سەبدە>، <تۇمانلىق دۇنيا>، <ۋىناس، سەن نېمىشقا چولاق> قاتارلىق بىر مۇنچە ياخشى ھېكايىلارنى ۋە <تۈندىكى چاقماق>، <داغ> رومانلىرىنى يازغان. بۇ ھېكايە - رومانلارمۇ كىتابخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان.
ئەبەيدۇللا ئىبراھىم يەنە باشقا ساھەلەردىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ، <سىرلىق كارۋان> ناملىق كىنو سىنارىيىسىنى، <نازىگۈل> ناملىق درامىنى يازغان، چەت ئەللەردىكى زىيارەتلىرى ھەققىدە ساياھەت خاتىرىلىرىنى يازغان. ئەبەيدۇللا ئىبراھىم يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.
ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تونۇلغان، ئىقتىدارلىق ژۇرنالىست. ئۇ، <شىنجاڭ ياشلىرى> دىن ئىبارەت بۇ ئۇنىۋېرسال ژۇرنالنى تېخىمۇ ياخشى نەشرقىلىش جەھەتلەردە چوڭ روللارنى ئوينىغان. ژۇرنالدا <شېئىرىيەت گۈلزارى>، <ئەدىبلەر بۆشۈكى>، سەھىپىلىرىنى ئېچىپ، <ئالتۇن چاغ> مۇكاپاتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياش ئەدىبلەرنى، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى قوللىغان.
ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن <باھار نوتىلىرى> (1981 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <يۇلغۇن چېچىكى> (1982 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى، <ھەسەن - ھۈسەن> (1983 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق داستانلار توپلىمى؛ <ئاجايىپ كۆزلەر> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <ئۈچ بولكا> (1986 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <سېرىق سەبدە> (1988 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى؛ <تۈندىكى چاقماق> (1989 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <تۇمانلىق دۇنيا> (1991 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <سىرلىق كارۋان> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق كىنو سىنارىيىسى توپلىمى، <داغ> (1996 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى بار.
ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ھازىر ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.