UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئاپرىنچور تېكىن

ئاپرىنچور تېكىن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى تۇرپان رايونىدىن تېپىلغان مانىي دىنىي مۇھىتىدا يېزىلغان شېئىرلار ئىچىدىكى بىر قانچە پارچە شېئىر شائىر ئاپرىنچور تېكىنغا تەئەللۇق بولۇپ، بۇ شېئىرلار كۆپىنچە بىر ۋاراقنىڭ ئىككى بېتىگە يېزىلغان. ۋاراقنىڭ ئالدى بېتىدىكى تەكرار ئىككىلىك شەكلىدىكى، ھەر كۇپلېتى تۆت مىسرادىن تۈزۈلگەن ئۈچ كۇپلېت شېئىر «مانىفا مەدھىيە» مەزمۇنىدا، كەينى بېتىدىكى ھەر كۇپلېتى ئۈچ مىسرادىن تۈزۈلگەن يەتتە كۇپلېت شېئىر مۇھەببەت تېمىسىدىكى لىرىك شېئىردىن ئىبارەت. شائىر ئاپرىنچور تېكىننىڭ تەرجىمھالىغا دائىر ھېچقانداق ماتېرىيال يوق. لېكىن ئۇنىڭ تۇرپان رايونىدا مانىي دىنىي مۇھىتىدا ياشاپ ئىجاد قىلىنغانلىقى، شېئىرلىرىنىڭ تىلىغا قاراپ، ئۇنى 8 - 9 - ئەسىرلەرگە قويۇش مۇمكىن. ھالبۇكى، مانىي دىنىي تۇرپان رايونىدا 8 - 9 - ئەسىرلەردە بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ دىن مۇھىتىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ۋاقتى كۆپرەك مۇشۇ مەزگىل ئىچىگە قويۇلۇپ كەلدى. شائىر ئاپرىنچور تېكىننىڭ شېئىرلىرى ساپ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى دەۋر ئۇيغۇر مانىي دىنى مۇھىتىنىڭ ئىدېئولوگىيىسى ۋە شائىرنىڭ ئېستېتىك دىتى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. تۆۋەندە، بۇ شېئىرلاردىن بىر قانچە پارچىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز: كۈن تەڭرى يارۇقىن تەگ كۆكۈزلۈگۈم بىلگەم، كۈن تەڭرى يارۇقىن تەگ كۆ كۆكۈزلۈكۈم بىلگەم كۆرتلە تۈزۈن تەڭرىم كۈلۈگۈم كۈزۈنچۈم، كۆرتلە تۈزۈن تەڭرىم بۇرقانىم بۇلۇنچسۇزۇم. مەنىسى: كۆڭلى كۈن تەڭرىسىنىڭ نۇرىدەك دانىشمىنىم، كۆڭلى كۈن تەڭرىسىنىڭ نۇرىدەك دانىشمىنىم. گۈزەل پەزىلەتلىك، شۆھرەتلىك قوغدىغۇچى تەڭرىم، گۈزەل پەزىلەتلىك، تەڭداشسىز بۇرھانىم، تەڭرىم. «مەدھىيە» شېئىرىدىن. 1 . ئا ...... (چېكىت قويۇلغان ئورۇنلاردىكى سۆزلەر ئەسلى تېكىستتە ئۆچۈپ كەتكەن.) ئادىنچىغ ئامراق...... ئامراق ئۆز كىئەم..... 2 . قاسنىچىغىمىن ئۆيۈ قادغۇرارمەن قادغۇردۇقچە قاشى كۈرتلەم قاۋشىغسا يۇرمەن 3 . ئۆز ئامراقىمىن ئوپۇكىسە يۈرمەن مەنىسى: 1 . ئا ..... بەكمۇ ئامراق...... ئامراق ئايالىم...... 2 . بايرىمنى ئويلىسام قايغۇغا چۆكىمەن، قايغۇرغانسېرى، ئىخ، قارا قاشلىقىم، دىدارلىشىشقا شۇنچە ئىنتىزار بولىمەن. 3 . ئۆز ئامرىقىمنى ئويلىسام، ئويلاپ، ئويلاپ....... ئۇنى قايتىلاپ سۆيۈشكە ئىنتىلىمەن (شېئىرنىڭ تېكىستى ۋە مەنىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1981 - يىللىق 2 - سانىدىن ئېلىندى. ) «مۇھەببەتنامە» (تۈركىيىلىك رىشىت رەھمەتى ئارات «قەدىمكى تۈرك شېئىرلىرى» ناملىق كىتابىدا بۇ شېئىرنى «شېئىر )ئاپرىنچور تېكىن(» دېگەن ماۋزۇدا بەرگەن). شائىر ئاپرىنچور تېكىننىڭ بۇ شېئىرلىرى ئۇسلۇبى، بەدىئىي ۋاسىتىلىرىنىڭ جەزبىدارلىقى، تىل قۇرۇلمىسىنىڭ جۇلالىقلىقى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تارىخىي، مەزمۇن ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئاپرىنچور تېكىن | UyghurWiki | UyghurWiki