ئىسمايىل تۆمۈرى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئىسمايىل تۆمۈرى 1949 - يىل 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تۇرپاندا ئوقۇغان، 1968 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، 1976 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ كومبايىن زاۋۇتى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، 1981 - يىل 2 - ئايدا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىنىستىتۇتتا ئىلمىي خادىم ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە.
ئىسمايىل تۆمۈرى 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىگە رەسمىي كىرىپ كەلگەن. ئۇ، <قۇتادغۇبىلىك> نىڭ نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەشكە، مەملىكەتلىك تەتقىقات تېمىسى بولغان <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى> نى يېزىشقا، <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى> نى نەشرگە تەييارلاشقا، <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا تۇتقان ئورنى> دېگەن كىتابنى نەشرگە تەييارلاشقا قاتناشقان. ئۇ يەنە <>ئىز< رومانى توغرىسىدا> قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەتكە دائىر بىر مۇنچە ئىلمىي - نەزەرىيىۋى، تەقىدىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.
ئىسمايىل تۆمۈرىنىڭ <ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى> ناملىق چوڭ ھەجىملىك مەخسۇس ئەسىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1995 - يىل 9 - ئايدا نەشر قىلىنغان.
ئىسمايىل تۆمۈرىنىڭ <ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبياتى> ناملىق چوڭ ھەجىملىك مەخسۇس ئەسىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1995 - يىل 9 - ئايدا نەشر قىلىنغان.
ئىسمايىل تۆمۈرى ھازىر كاندىدات تەتقىقاتچى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى.