ئىمىن ۋاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىككىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى گۇپا بەگ 1709 - يىلى 4 - ئايدا 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىككە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى يىل تەختتە ئولتۇرۇپ، 1711 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۈچىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىمىن 1711 - يىلى دادىسى گۇپا بەگنىڭ 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىككە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى يىل تەختتە ئولتۇرۇپ، 1711 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۈچىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىمىن 1711 - يىلى دادىسى گۇپا بەگنىڭ 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىكىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇ قۇمۇل شەھەر ئىچى ئوردا خانى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. ئىمىن ۋاڭ ھەربىي ماھارەتتە پىشقان بولۇپ، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ئىدى. ئۇنىڭ ئوقيا ئېتىپ مەشىق قىلىش مەيدانى شەھەرنىڭ سىرتىدا ئون موغا يېقىن جاينى ئىگىلىگەنىدى. 1715 - يىلى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىدىن سەۋاڭ ئارابدان قۇمۇلغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. ئىمىن ۋاڭ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ، چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قۇمۇلدىكى مۇداپىئە قوشۇنىدىن 200 كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇرۇشتا ئىمىن ۋاڭ ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىدۇ. كاڭشى خان بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ئىمىن ۋاڭ ۋە باشقىلارنى 15 مىڭ سەر تەڭگە بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. پۇقرالارغا ئاشلىق، قوي، كالا، تۈرلۈك كىيىم - كېچەكلىك رەخت ئىنئام قىلىدۇ. 1718 - يىلى ئىمىن ۋاڭ قۇمۇلدىكى بىر تۈركۈم دېھقانلارنى تاشۋېلىققا (تالناچىنغا)، 1722 - يىلى 400 كىشىنى تۇرپانغا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ئىمىن ۋاڭ چيەنلۇڭنىڭ 4 - يىلى (1740 - يىلى) 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ۋاپات بولىدۇ.