UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەخمەت

ئەخمەت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا ھاۋا يولى ئېچىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى گېرمانىيىدىكى مەشھۇر رونكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ھاۋا يولى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. 1929 - يىلى بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن قۇمۇل، ئۈرۈمچى، چۆچەكلەردە ئايرودروم ياسالغان. 1932 - يىلى (مىنگونىڭ 21 - يىلى) 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ليۇسى دېگەن ئۇچقۇچى ھەيدىگەن <يونكىر> ماركىلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى سىناق تەرىقىسىدە ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم قونغان. شۇنىڭدىن كېيىن جىن شۇرېن ئۇچقۇچى تەربىيىلەش مەقسىتىدە شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇچقۇچى تەكلىپ قىلىپ، ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى قۇرغان. بۇ مەكتەپكە ئۇيغۇرلاردىن خەنزۇچىنى پۇختا بىلىدىغان ئەخمەت (خەنزۇچە ئىسمى يۇەنجاڭ) ئىسىملىك بىرلا بالا قوبۇل قىلىنغان. ئەخمەت ئەسلىدە خوتەنلىك بولۇپ، 20 - يىللارنىڭڭ باشلىرىدا دادىسى بىلەن تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ياڭ زېڭشىن ئاچقان شۆتاڭدا ئوقۇغان. ئۇ، شۇ جەرياندا خەنزۇچە تىل - يېزىقلارنى پۇختا ئىگەللەپلا قالماستىن، بەلكى شۇ زاماندىكى خەنزۇ خەتتاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەخمەت ئۇچقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، تېخنىكىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن ۋە 1936 - يىلى شىنجاڭ خەلقىنىڭ سۇييۈەن ئالدىنقى سېپىگە قىلغان ئىئانە - ياردەملىرىنى ئايروپىلان بىلەن لەنجۇغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1938 ـ يىلى جۇڭگو كوممونىستىك پاتىيسى شىنجاڭ ئۇچقۇچىلار ئەترىتىگە ئەۋەتكەن 43 كۇرسانتلاردىن لۇي لىپىڭ (ئەسلى ئىسمى لى ۋەنشەن) باشلىق 25 كىشى ئۇچقۇچىلار سىنىپىغا كىرگەن. لۇي لىپىڭ سىنىپ مۇدىرى بولغان. ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ئەخمەت بۇ كۇرسانتلار بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتتە بولغان، ئۇلارغا ئۇچقۇچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە دەرس ئۆتكەن. ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن (ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسىدىن دەرس بېرىدىغان) ئۇچقۇچىلارنىڭ يارەمچىسى بولغان. 1939 ـ يىل 8 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى شىنجاڭ خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئىئانە قىلغان <شىنجاڭ> ماركىلىق ئايروپىلان (ئون دانە) لارنى ئالدىنقى سەپكە ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە قاتناشقان. ئەخمەتنىڭ ئىقتىدارى ۋە جامائەت ئىچىدىكى شۆھرىتى شېڭ شىسەينى ئۇنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەخمەت توققۇز ئايروپىلان باشقۇرىدىغان ئۇچقۇچىلار چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ھايات شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر قېتىم ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا بىرقانچە مىنۇت ماھارەت كۆرسىتىپ، ئاندىن يولغا راۋان بولىدىكەن. 1939 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىردا ئەخمەت ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت كۆرسەتكەن، ئۇ، لاچىندەك ئاسمانغا تىك ئۆرلەپ، يەرگە قاراپ شۇڭغۇپ، يەنە ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندە، يەردىكى توپىلار قۇيۇن ئۇچقاندەك يەردىن كۆتۈرۈلگەن. بىردەم جىمجىتلىق باسقان مەيدان ئەخمەتنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھۇررا ساداسىغا تولغان. ئەخمەتنىڭ ماھارىتى، خەلقنىڭ ھۇررا ئالقىشىدىن شېڭ شىسەي قاتتىق چۆچۈگەن، شۇنىڭ ئەتىسىلا ئەخمەت قاتارلىق بىر قانچە ئىلغار ئۇچقۇچى <زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بار> دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئەخمەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ئۇچقۇچىلىرى بىلەن بىللە 1942 - يىلىغىچە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە يېتىپ، ئاخىر پۇت - قولى كىشەنلەنگەن ھالدا ئېغىر ئازاب ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ھازىر ئەخمەتنىڭ رەپىقىسى ۋە پەرزەنتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى