جاپپار ئەمەت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر، ژۇرنالىست جاپپار ئەمەت 1929 - يىل 12 - ئايدا خوتەن شەھىرىنىڭ گۈلباغ مەھەللىسىدە كىچىك سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1938 - يىلدىن 1941 - يىلغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە خوتەن دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، 1942 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇشقا كىرىپ، 1945 - يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەنگە قايتىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە <تەكلىماكان گۈلى> گېزىتىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن؛ ئازادلىقتىن كېيىن خوتەندىكى <يېڭى خوتەن>، قەشقەردىكى <جەنۇبىي تىيانشان> گېزىتلىرىددە مۇھەررىرلىك قىلغان، 1957 - يىلدىن 1961 - يىلغىچە ئۈرۈمچىدە <شىنجاڭ گېزىتى> نىڭ مۇھەررىرى بولۇپ خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە مائارىپ باشقارمىسىدا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن، خوتەن <يېڭى قاشتېشى> ژۇرنىلىدا مۇھەررىرلىك بىلەن شۇغۇللانغان، جاپپار ئەمەت 1981 - يىلدىن 1991 - يىلغىچە <تارىم> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
جاپپار ئەمەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1944 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ۋەتەن ئوغلى> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <شۇنداق ماڭ>، <تاڭ ئالدىدا>، <چاپ كەتمەننى دېھقانلار>، <زىيارەت>، <مېنىڭ يېزام>، <ياشلىق باھارىم>، <سايرا، بۇلبۇل>، <باھار ئىلھاملىرى>، <سالام، ئۈرۈمچى>، <ھېسىياتىم تامچىدۇر گويا> قاتارلىق شېئىرلارنى، <دوستلۇق ئۈلگىسى> قاتارلىق داستانلارنى يېزىپ، بەلگىلىك تەسىر قۇزغىغان. جاپپار ئەمەت يەنە 50 - يىللاردا نەجمىدىن سىدىق بىلەن بىللە <يىمىرىلگەن قۇللۇق> ناملىق درامىنى يېزىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
جاپپار ئەمەت يەنە ئەدەبىيات تەتقىقاتى، كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ، 80 - يىللاردىن كېيىن <جەڭگىۋار يىللارنىڭ باتۇر كۈيچىسى>، <30 -، 40 - يىللار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى جەڭگىۋار تېما - ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇش>، <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىك توغرىىسدا> قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان؛ <سوپى ئاللايار ھېكمەتلىرىدىن>، <ھۈۋەيدا شېئىرلىرىدىن>، <ئادابۇس - سالىھىن> قاتارلىق ئۇيغۇر شەرق كلاسسىك ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلىغان. ئۇ يەنە <لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى>، <توي چاچقۇسى>، <تىيانشان ناخشىلىرى>، <توي تەنتەنىسى>، <100 شېئىر> (ئابلىز نازىرى بىلەن بىللە) قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ، نەشرگە تەييارلىغان. ئۇ يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى توپلاش ۋە ئېلان قىلدۇرۇش، شەرق ئەدەبىياتىدىكى يىرىك ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش جەھەتتىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ئىشلىگەن.
جاپپار ئەمەتنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <سايرا، بۇلبۇل> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <تۇپراق ۋە تەر> (1991 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم داستانلىرى <يۈرەك ئالقىشى>، <يۇرت ئوغلى> قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
جاپپار ئەمەت ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.