UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئىبراھىم تۇردى

ئىبراھىم تۇردى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ئىبراھىم تۇردى 1914 - يىلى ھازىرقى ئاتۇش شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1928 - يىلغىچە ئائىلە تەربىيسىدە بولغان ۋە كونا مەكتەپلەردە ئوقۇغا، 1935 - يىلى ئۆزبېكىستانغا بېرىپ سەمەرقەنت يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرىپ 1938 - يىلغىچە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ پەن - مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەلىرىدە ئىشلىگەن. ئۇ ئىلغار پىكىرلىك بولغاچقا، 40 - يىللاردا ئۈچ يىل تارمىدە ياتقان، تۈرمىدىن چىقىپ 1947 - يىل ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئىبراھىم تۇردى 1949 - يىل 12 - ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن، ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدە ئۆلكىلىك مەدەنىيەت - مائارىپ كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق جايلاردا رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن، كېيىنچە سول لۇشيەننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1971 - يىل 5 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئىبراھىم تۇردىنىڭ ئەدەبني ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى 1945 - يىلى ساتىرىك شېئىر يېزىش بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ 50 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا <دوستۇم دېمە>، <يارىمغا>، <كۆڭۈل ئارزۇسى> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى، <خۇماخان> ناملىق داستاننى يېزىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئىبراھىم تۇردىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <كۆڭۈل ئارزۇسى> (1957 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى