UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنىمشېھىت

نىمشېھىت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى پېشقەدەم شائىر نىمشېھىتنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەرمىيا ئېلى، تولۇق ئىسمى نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامى بولۇپ ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلانغانلىقتىن <نىمشېھىت>دېگەن تەخەللۇسنى، تۇغۇلغان يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ <سايرامى> دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان، دەۋرداشلىرى ھۆرمەتلەپ بەزىدە <نىمشېھىت دامۇللام> دەپمۇ ئاتاشقان. نېمشېھىت 1906 - يىلى باي ناھىيسىنىڭ سايرام رايونىدىكى تېزەكقاغا يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپكى ساۋاتنى ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە چىقارغان، كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن 1922 - يىلدىن 1930 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا باي ۋە كۇچادىكى مەدرىسلەرگە، 1930 - يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر قەشقەر <خانلىق> مەدرىسكە ئوقۇشقا كىرگەن؛ 1933 - يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى تازا ياخشى بولۇپ كېتەلمىگەچكە، يۇرتى بايغا قايتىپ كەتكەن ھەم بۇ يەردە يېڭىدىن قۇرۇلغان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1936 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۈر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى <ئاقسۇ ئۇچۇرى> ناملىق گېزىت چىقارغاندا، نىمشېھىت ئاقسۇغا مۇشۇ گېزىتنى چىقىرىش ئۈچۈن يۆتكەن كېلىنگەن، 1938 - يىلدىن تارتىپ 1945 - يىلغىچە <ئاقسۇ گېزىتى> نىڭ ئاسالىق مۇھەررىرلىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1945 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ئاقسۇدىن چېكىنىپ ئىلىغا قايتقاندا، نىمشېھىتمۇ ئارمىيە بىلەن بىللە ئىلىغا بېرىپ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسىگە قاتناشقان ۋە ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە مەدەنىيەت، ئاخبارات - نەشرىيات ساھەلىرىدە خىزمەت قىلغان ھەمدە مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، 1972 - يىل 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 65 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. نىمشېھىت ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئەدەبىيات تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. نىمشېھىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1930 - يىللاردا خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە يازغان <بازار ۋە مازار> نامالىق مەزگىللىرىدە شېئىر ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ ئىزدىنىپ، پەلسەپىۋى پىكىرگە باي نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ، ئۇلارنى <مادارا ئەئزەم> (<چوڭ ياراشتۇرۇش>) دېگەن نام بىلەن توپلام قىلغان، 1933 - يىلى تەرجىمھال خاراكتېرىدىكى <ئۆمۈر خاتىرەمدىن> ناملىق كىچىك داستاننى يازغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، <بىلىم ئىشقىدا>، <ئالدىدا>، <سېنىندىم>، <بۈيۈك جۇڭگو>، <قىزىم يىغلىماڭ!...>، <ئۇنتۇما>، <ئوقۇغىلى كەتكەن ئىنىمغا خەت> قاتارلىق شېئىرلىرىنى ۋە داڭلىق <مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن>، <لەيلى - مەجنۇن> ناملىق داستانلارنى يازغان. نىمشېھىت شېئىرلىرنىڭ كۆپ قىسمى ئەينى يىللاردىكى مۇھىم، ئاكتىپ تېمىلارغا بېغىشلانغان، بەزى شېئىرلاردا شائىرنىڭ كۈچلۈك ھېسسىياتى، ئىدىيۋى قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن. نىمشېھىت شېئىرلىرىنى خەلق قوشاقلىرى شەكلىدىكى بارماق ۋەزىندىمۇ، كلاسسىك ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدىن مېڭىپ ئارۇز ۋەزىندىمۇ يېزىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىي تالانتىنى نامايان قىلغان. نىمشېھىتنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ۋەتەن مۇھەببىتى> (1957 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <شېئىرلار> (1963 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <يۈرەك سۆزى> (1980 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى، <مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن> (1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق داستانى قاتارلىقلار بار. نىمشېھىت ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى