UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىموللا يۇنۇس يەركەندى

موللا يۇنۇس يەركەندى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خوجا جاھان ئەرشى ھاكىمىيەتت يۈرەۈزەەن مەزەىللەردە يەكەن ، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە مەدەنىيەت مەلۇم جانلىنىش كۆرۈلۈپ، بىر قىسىم ئەدەبىي ئىلمىي ئەسەرلەر بالرىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم ئەدىبلەر ئەرەب. فرس، ھىندى ئەدەبىياتىدىن «مىڭ بىر كېچە»، «رەۋزەتۇسسەفا»، «شاھنامە»، «دارابىنامە»، «كەللە ۋە دېمىنە» نى ھەمدە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر فارس تىلىدا يازغان «تارىخى رەشىدى» نى ئۇيغۇر تىلىغا ترەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇئەييەن ئىز قالدۇرۇپ كەتتى. بۇ تەرجىمىلەرنىڭ بەزىلىرى ئەينەن تەرجىمە بولماستىن، بەلكى ئىجادىي يوسۇندا قايتا ئىشلەنگەىدى. ئەنە شۇنداق تەرجىمىلەر ئىچىگە يەكەندە ئۆتكەن شائىرى موللا يۇنۇس يەركەندىنىڭ مەشھۇر تاجىك شائىرى مەۋلانا ئابدۇرەھمان جامىنىڭ پارس تىلىدا يازغان «يۈسۈپ - زۇلەيخا» داستانىنى پارس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش داۋامىدا ئىجادىي ئىشلەپ چىققان ئەسىرى _ «يۈسۈپ - زۇلەيخا» نى قويۇش مۇمكىن. موللا يۇنۇس يەركەندى شەرق ئەدەبىياتىدا ئەنئەنىۋى سيۇژىتقا ئايلىنىپ كەتكەن يۈسۈپ ماۋزۇسىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا يېڭىباشتىن ئىشلەپ چىقتى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزى ياشاپ تۇرغان مۇھىتنىڭ رېئال كۆرۈنۈشلىرىنى، ئۆز قاراشلىرىنى سىڭدۈرۈشكە ئىنتىلدى. مىلادى 1755 - يىلى مەيدانغا چىققان بۇ ئەسەر 72 باب، 9048 مىسرادىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ 14 بابى داستاننىڭ يېزىلىش سەۋەبى، مۇھەببەت، ئىلىم ۋە تىل مەسىلىلىرىگە، قالغان بابلار «يۈسۈپ - زۇلەيخا» قىسسىسىنى بايان قىلىشقا بېغىشلانغان. موللا يۇنۇس يەركەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىغا دائىر باشقا مەلۇماتلار زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئابدۇراھمان جامىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «يۈسۈپ - زۇلەيخا» نى تەرجىمە قىلىپ ئىجادىي ئىشلىگەن ئەمگىكى بىلەن ئەدەبىياتىمىزدا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
موللا يۇنۇس يەركەندى | UyghurWiki | UyghurWiki