زاھىر ئابدۇراخمان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر زاھىر ئابدۇراخمان 1961 - يىل 8 - ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسىنىڭ بەشئېرىق يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1978 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1983 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن <ئاقسۇ ئەدەبىياتى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، كېيىنچە كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئاۋات ناھىيلىك پارتكومدا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. 1986 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە - سودا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ھازىرغىچە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
زاھىر ئابدۇراخماننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1980 - يىلى <ئاقسۇ ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ <زۇمرەت قەترىلەر>، <قەلبىم تۆرىدىكى پەخرىي ئورۇندا>، <ئىزدىنىش>، <نۇر ھەققىدە رىۋايەت> قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان، <تەۋەرۈك راۋاب> ناملىق داستانى بەلگىلىك تەسىر قۇزغىغان. زاھىر ئابدۇراخمان يەنە <ھاكىم>، <ماشىنا ئالماشتۇرسىلا>، <تەستەك ۋە خىيال> قاتارلىق بىر تۈركۈم ھەجىۋىي ھېكايىلارنى يازغان. زاھىر ئابدۇراخماننىڭ شېئىرلىرى <سۆيگۈ>، <ئارزۇ بوستانى>، <مۇھەببەت لىرىكىلىرى>، <توي تەنتەنىسى>، <كۈمۈش قەترىلەر> ناملىق بىرلەشمە توپلاملاردىن ئورۇن ئالغان.
زاھىر ئابدۇراخماننىڭ <روھىمغا سەپەر> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1994 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
زاھىر ئابدۇراخمان ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.