سوفىبەگ ھاجى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
1924 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەرگە ئېگىز بويلۇق، تومبال، گەۋدىلىك، سېمىز، يوغان قورساق، سېرىق ساقال، چېقىر كۆز بىر ئادەم پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئادەم جامائەت ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ <مەن ئۆزبېك، يۇرتۇم ئەنجان، مەن بۇ يەرگە سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇلىمىغا چىدىماي قېچىپ كەلدىم> دەپ يۈرىدۇ. بۇ ئادەم تولىمۇ سۆزمەن، قىلغان سۆزلىرى كىشىنى جەلپ قىلارلىق بولۇپ، بۇ كىشى بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلار ئۇنىڭغا بېرىلىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق ئىشەنچ باغلايدۇ.
سۇفىبەگ ھاجىغا شىرەم تۇغقان بولىدىغان زەينابىدىن خوجانىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا كولخوزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغاندا بىر بۆلۈم ئۇششاق تىجارەتچىلەر كونا مال يىغىۋېلىش كوپېراتسىيىسى قۇرىدۇ. سوفىبەگ ھاجى شۇنداق كوپېراتسىيىلەردىن بىرىگە كىرىپ مال سېتىۋالغۇچى بولىدۇ. 1924 - يىلىنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا ئۇ كوپىراتسىيەنىڭ يېڭىدىن پاختا زاۋۇتى قۇرۇشقا تەييارلىغان پۇللىرىنى ئېلىپ قەشقەرگە قېچىپ كېلىدۇ. ئۇ قەشقەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قەشقەر مەمۇرلىرىدىن روسىيەدىن شىنجاڭغا، جۈملىدىن قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن ئادەملەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان سوفىبەگ ھاجى خوتەنگە قېچىپ بېرىۋالىدۇ. 1931 - يىلىغىچە ئۇ خوتەن ئەتراپىدا ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. چارروسىيە دەۋرىدە ئۆزبېكىستاندىن كېلىپ خوتەندە توختاپ قالغان ئۆزبېكلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتىدۇ. قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قوزغىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي خوتەندىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا سوفىبەگ ھاجى تاشكەنتلىك ئەسقەرجان دېگەن كىشى بىلەن بىللە بىر ليەن ئەسكەر تەييارلاپ، خوتەن قوزغىلىڭىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ چاغدا قوزغىلاڭ قوماندانى مەمتىمىن بۇغرا بۇ كىشىنى <سىز چەت ئەللىك، بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلاشماڭ، ئەگەر سىز ئارىلاشسىڭىز، بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز چەت ئەلنىڭ قولى بار دېيىلىپ زىيانغا ئۇچرايدۇ> دەپ يېقىن كەلتۈرمەيدۇ. لېكىن، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى خوتەن، قارىقاش، گۇما قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ قەشقەرگە قاراپ ماڭغاندا سوفىبەگ ھاجى قەشقەرگە يۈرۈش قىلغان ئاتالمىش قوماندان شاماڭسۈر(ئابدۇللابەگ) نىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ سودا مالىيە مەسلىھەتچىسى بولىۋالىدۇ. شۇ كۈنلەردە خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئىقتىسادتىن قىسىلغاندا خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن نەچچە ئون مىڭ تاي يۇڭ، يىپەك، جەينىماز، گىلەم، كىگىز، تاغار، خورجۇن، ماتا قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ قەشقەرگە ئەكىلىپ ساتماق بولىدۇ. سوفىبەگ ھاجى مالنى ئېلىپ قەشقەرگە كېلىپ بولغۇچە شاماڭسۈر يېڭىسار ئۇرۇشىدا ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سوفىبەگ ھاجى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆزى ئىگىلىۋالىدۇ. <12 - ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى> دىن كېيىن، ئۇ شېڭ شىسەينىڭ ساقچى ئىدارىسى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن كىشىلەر ئۈستىدە ماتېرىيال توپلاپ بېرىش ئارقىلىق شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىىشىدۇ. ئۇ قەشقەردە بولغان مەزگىلىدە پەرغانىدىن قېچىپ كەلگەن بىربۆلۈم ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، قەشقەردە ئەكسىيەتچىل<ئىستىقلال جەمئىيىتى> نى قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتىنىشىدۇ ۋە پەرغانىلىق قاچاقلارنىڭ قەشقەردىكى ئاساسىي تۈۋرۈكى بولۇۋېلىپ، ئەكسىيەتچىل<شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى> نىڭ پەرغانىلىق غوللۇق كىشىلىرىنىڭ چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى مۇقىملاشقاندىن كېيىن سوفىبەگ شېڭ شىسەينىڭ قەشقەردىكى ئۆزى ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ قارىغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
1936 - يىللاردا ئۇ قەشقەردە توققۇز ئۆزبېك(بۇلارنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ كەلگەن پۇلدار كىشىلەر) بىر ئۇيغۇر، جەمئىي ئون كىشى بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مەخسۇس پاختا سودىسى قىلىدىغان شىركەت قۇرىدۇ. 1938 - يىلى شىركەت ئەزالىرى بىر - بىرلەپ قولغا ئېلىنىپ، يالغۇز سوفىبەگ ھاجى قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەت ۋەيران بولىدۇ.
شىنجاڭ تارىخىدا 1940 - يىللاردا تۇنجى ئاشلىق نورمىسى بېكىتىلىدۇ. سوفىبەگ ھاجى قەشقەردىكى ئاشلىق نورما ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. شۇ كۈنلەردە قەشقەر شەھىرىدە تۆت تاۋايخانا بولۇپ، ھەر كۈنى نان ئالغۇچىلار ئەتىگەن سائەت تۆتتە تۇرۇپ 200 - 300 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نان ئالاتتى. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن سوفىبەگ ھاجى قەشقەردە مال باھاسى (تەكسە) ئىدارىسى قۇرۇپ، مۇقىم باھالىق مال دېگەن نامدا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى نورمىلاشتۇرىدۇ. دېمەك، بىر ئادەم بىر نان ئالغاندەك، بىر ئادەممۇ مىلىچ مال دۇكىنىغا كەلسە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بىر سوپون ياكى بىر كىلو شىكەر دېگەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئالىدۇ.
شۇ يىللاردا قەشقەر سودىگەرلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىقتىسادى سوفىبەگ ھاجىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالىدۇ. (سودىگەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇنى سۈرۈشتۈرگىلى ئادەم چىقمايدۇ.) 1944 - يىلى شېڭ شىسەينىڭ ئورنىغا ۋۇجۇڭشىن ئولتۇرۇپ ئۆلكىگە رەئىس بولغاندا سوفىبەگ ھاجى گومىنداڭ پارتىيىسىگە كىرىدۇ ۋە گومىنداڭنىڭ قەشقەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى بىلەن ياخشى ئۆتىدۇ. 1946 - يىلى گومىنداڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى11 ماددىلىق بىتىم ئىمزالاش ئالدىدا سوفىبەگ ھاجى قەشقەردە بىر بۆلۈم ئەكسىيەتچىلەرنى تەشكىللەپ، ئۈچ ۋىلايەتكە قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرىدۇ. بىتىم تۈزۈلگەندە سوفىبەگ ھاجى قەشقەردە تۇرالماي يەركەنگە كېتىپ، گومىنداڭنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ. 1948 - يىلى گومىنداڭنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل بولۇپ نەنجىڭگە بارىدۇ ۋە شۇ قۇرۇلتايدا<شىنجاڭنى ئۈچ ئۆلكە، يەنى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭ> قىلىپ ئىدارە قىلىش تەكلىپىنى قويىدۇ. بۇ تەكلىپ قارشىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پولكوۋنىك دەرىجىسى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ ۋە بىر پەي ئەسكەر بىلەن قوغدىلىدۇ. 1949 - يىلى ئۆلكە ئازاد بولۇش ئالدىدا چېگراغىچە كىچىك ماشىنا بىلەن بېرىپ چەت ئەلگە قېچىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى بولمايدۇ.
(سوفىبەگ ھاجىنىڭ تۇغۇلغان، ئۆلگەن ۋاقتى بىزگە نامەلۇم، شۇنداقلا بۇ كىشىنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنىمۇ ھېچ كىشى بىلمەيدۇ).