كۇكۇن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
كۇكۇن (يۈەن سۇلالىسىگە دائىر خەنزۇچە ماتېرىياللاردا 克恭دەپ، بەزىلىرىدە高 خېتى قوشۇپ يېزىلغان) يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى. ئۇنىڭ ئائىلىسى دەسلەپتە داتۇڭدا، كېيىن يەنجىڭ (بۈگۈنكى بېيجىڭ) دا ئولتۇراقلاشقان. كۇكۇننىڭ ھاياتىغا دائىر مەلۇماتلار دىڭ ۋېنيۈەن يازغان «باش توپلىمى» (巴西文集) دا تەپسىلىي بېرىلگەن.
كۇكۇن 1248 - يىلى بېيجىڭدا توغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مەكتەپ ئېچىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، شاگىرتلىرى ئۇنى «ئۇزۇن ساقاللىق جاپۇ ئۇستاز» دەپ ئاتىشاتتى. كۇكۇن دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپ يېتىشىپ، 1275 - يىلى تەمىرات پىرقىسىنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى، كېيىن چاڭجىياڭنىڭ جەنۇبىدىكى جايلاردا تەپتىش ئەمەلدارى بولغان. 1279 - يىلى خېنەنگە باش تەپتىش بولغان. 1302 -، 1304 - يىللىرى مەنسەپ تۇتۇق پىرقىسىنىڭ مۇئەككىلى ۋە جازا پىرقىسىنىڭ مۇئەككىلى، 1305 - يىلى دامىڭ (بۈگۈنكى خېبىي ۋە ئۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلار) غا باش بۇغ بولغان. 1310 - يىلى 2 - ئايدا بېيجىڭغا يۆتكىلىپ كېلىپ، دىۋان بېگى بولغان. شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 63 يېشىدا بولغان.
كۇكۇن يۈەن سۇلالىسىنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدە تونۇلغان شائىرلاردىن بىرى ئىدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گۇسىلى مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «يۈەن نەزمىلىرىدىن تاللانما» 2 - توپلامC قىسمىدا كۇكۇننىڭ شېئىرىي تەپەككۇر قابىلىيىتى يۇقىرى، قەلىمى كۈچلۈك، ھېسسىياتقا باي، تەسۋىرلەش دائىرىسى كەڭ ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدىبلەر ئۇنىڭغا «مەنزىرىكەش رەسسام، تەسۋىرىكەش شائىر» دەپ باھا بېرىشكەن. ئۇنىڭ «تەرىقەتخانىغا مۇقەددىمە»، «ۋۇششەن تېغى خاتىرىسى»، «گۇياڭدىن ئۆتكەندە»، «شىنخۇدىن ئۆتكەندە» ۋە «جىڭكۇدىن ئۆتكەندە» قاتارلىق شېئىرلىرى بىرقەدەر مەشھۇر بولۇپ، بۇ شېئىرلار ئەينى زاماندا يۈەن سۇلالىسى تەسۋىرىي شېئىرىيەتچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلانغان. شائىر كۇكۇن يەنە ۋاقىتتىكى مەشھۇر تارىخىي جايلارنى تەسۋىرلەپ «پەيخۇڭ راۋىقى» ئوخشاش كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان. بۇ شېئىرلارنىڭ بەزى كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى «يۈەن نەزمىلىرىدىن تاللانما» غا كىرگۈزۈلگەن.