نۇرمۇھەممەت زامان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە يازغۇچى نۇرمۇھەممەت زامان 1939 - يىل 5 - ئايدا قورغاس ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجا شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملاپ، 1956 - يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1959 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان، ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
نۇرمۇھەممەت زامان ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1956 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <بېيجىڭ> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ۋە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر مۇنچە شېئىر، ھېكايە، پوۋېستلارنى يازغان.
نۇرمۇھەممەت زاماننىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى يەنىلا ئەدەبىيات تەتقىقاتى جەھەتتە كۆرۈلىدۇ. ئۇ، ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى> نىڭ Ⅳ تومىنى يېزىپ تاماملىغان. <ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا>، <ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ> قاتارلىق ماقالىلەرنى، <كىنو ۋە كىنو ئەدەبىياتى> ناملىق كىتابنى يازغان.
نۇرمۇھەممەت زاماننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <دانىشمەن بالا> (1980 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرىي چۆچەكلەر توپلىمى، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى> Ⅳ توم (1986 - يىل، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرى، <كىنو ۋە كىنو ئەدەبىياتى> (1991 - يىل، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرى، <قەدىناسلار> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
نۇرمۇھەممەت زامان ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.