قەلەندەر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر قەلەندەرنىڭ ئىسمى، توغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە مالۇمات يوق. ئۇنىڭ دەسلەپ تېپىلغان تولۇقسىز دىۋانىنىڭ ھىجرىيە 1221 - (مىلادىيە 1806 - 1807) يىلى پۈتۈلگەن (ياكى كۆچۈرۈلگەن) لىكىگە ۋە شائىرنىڭ مەزكۇر دىۋانىدا بېرىلگەن «قىلساڭ» رادىفلىق غەزىلىدىكى:
«ئۆتۈبدۇر قۇللۇقۇڭ ئەي پەرىۋەش ياشىم ئاتمىشتىن،
ئۆلەر چاغىم بولۇبدۇر نە بولۇر جانا رىزا قىلساڭ.»
دېگەن مىسرالارنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، شۇنداقلا، شائىرنىڭ ھىجرىيىنىڭ 1210 (مىلادىيە 1795 - 1796) يىلى خوتەن ھۆكۈمدارى مۇھەممەد ئەزىز دەۋرىدە يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىدىن (جەمئىي 11 پارچە) مەلۇم بولۇشىچە، شائىر قەلەندەر 18 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىن 19 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىگىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە ياشاپ ئىجاد ئەتكەن. ئۇ ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز شەھىرىدە توغۇلغان بولۇپ، كېيىنكى ئۆمرى خوتەندە ئۆتكەن، ئۇنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئىجادىي مىراسلىرىنىڭ ھەممىسى خوتەندە يېزىلغان ياكى توپلام قىلىنغان.
شائىر قەلەندەرنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئىككى تولۇقسىز دىۋانى ھەمدە كېيىن يېڭى تېپىلغان شېئىرلىرى (يەتتە غەزەل، تۆت مەسنەۋى) دىن مەلۇمكى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە غەزەل ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ. شائىرنىڭ شېئىرلىرى تامامەن دېگۈدەك مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا سۆيگۈ تېمىسى ۋاپا - ساداقەت، ياخشىلىق زامان جەبر - جاپالىرى ئۈستىدە شىكايەت، ئارزۇ - ئۈمىد قاتارلىق ئىجتىمائىي مەزمۇنلار گىرەلەشتۈرۈلگەن ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن. شائىر ئۆزىنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى باي ۋە چوڭقۇر ھېسسىياتلىرىنى گۈزەل، ئوبرازلىق شېئىرىي تىل بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ شېئىرىي تىلى ئۆزىنىڭ نەپىس ۋە جۇلالىقلىقى، مەجازى ۋاسىتىلەرنى ئۆزىدە تولۇق، ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە مۇجەسسەملەشتۈرگىنى، رەڭدارلىقى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئالايلى:
«ئاھ ئوتىدىن تولدى ئالەم، بولماسا يوق ئېردى ئوت،
كۆز ياشىم تا قويمادىم ھىجرىڭدە دەريا بولمادى.»
(ئەسلىدە دۇنيادا ئوت يوق ئىدى، ئاھلىرىم ئوتقا تولدى، جۇدالىقتا كۆز ياشلىرىمنى تۆكمىگەن بولسام دەريامۇ بولماس ئىدى.)
لىرىك شائىر قەلەندەرنىڭ غەزەل، مۇخەممەس ۋە مەسنەۋىلىرى ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى نادىر دۇردانىلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىزدا زور قىممەتكە ئىگە.