UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئۇچقۇنجان ئۆمەر

ئۇچقۇنجان ئۆمەر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە خەلق ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى ئۇچقۇنجان ئۆمەر 1945 - يىل 3 - ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كونىشەھەردە ئوقۇپ تاماملاپ، 1963 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان، 1968 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، <قايتا تەربىيە> ئالغاندىن كېيىن، <قەشقەر گېزىتى> ئىدارىسىدا مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1981 - يىلدىن ئېتىبارەن <قەشقەر ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇچقۇنجان ئۆمەر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1957 - يىلى سابىق <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <گۈلدەستە> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <ئۆلكەم>، <ۋەتەن>، <بېيجىڭدىمەن، گۈلشەندىمەن>، <ئالتۇن زېمىنغا مۇھەببەت> قاتارلىق شېئىرلارنى؛ <مەرىپەت يۇلتۇزى>، <قوغۇن قېقى> قاتارلىق داستان - باللادىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇچقۇنجان ئۆمەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ساھەسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ <ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى>، <سەلەي چاققان لەتىپىلىرى>، <ئۇيغۇر خەلق قوشاقچىلىرى> قاتارلىق كىتابلارنى تۈزگەن ۋە نەشرگە تەييارلىغان. ئۇچقۇنجان ئۆمەرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن <چەشمىلەر> (ماخمۇت مۇھەممەت بىلەن بىللە، 1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <سالام، يۇلتۇزلار> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <پەزىلەت ناخشىلىرى> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1991 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى، <مەرىپەتپەت يۇلتۇزى> (1991 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق داستانلار - باللادىلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بىر مۇنچە شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇچقۇنجان ئۆمەر ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئەدەبىيات - سەنئىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇچقۇنجان ئۆمەر | UyghurWiki | UyghurWiki