مۇھەممەتروزى يارقىن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى ۋە شائىر مۇھەممەتروزى يارقىن 1940 - يىل 10 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغان، 1973 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1977 - يىلدىن 1985 - يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسىدا ئىشلىگەن، 1985 - يىل 4 - ئايدىن تارتىپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
مۇھەممەتروزى يارقىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ئاساسەن 80 - يىللاردىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە نۇرغۇن شېئىرلىرى، ناخشا تېكىستلىرى، چۆچەك - مەسەللىرى، شۇنداقلا <ئۈزۈلگەن قارماق>، <گۈن - چېچەككە پۈركەنگەن قەبرە>، <ئالتۇن چاچلىق قونچاق> قاتارلىق پوۋېست - ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ <تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. مۇھەممەتروزى يارقىن يەنە <مۇقام يۇرتىدىكى نورۇز كۈلكىسى> قاتارلىق تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىمىرىنى يازغان ياكى يېزىشقا قاتناشقان.
مۇھەممەتروزى يارقىننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <تامچە قىزچاقنىڭ ساياھىتى> (1980 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق بالىلار ئەدەبىياتى ئەسىرى، <خاسىيەتلىك نەي> (1983 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق چۆچەكلەر توپلىمى، <ئۈزۈلگەن قارماق> (1988 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېست - ھېكايىلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.
مۇھەممەتروزى يارقىن ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.