UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتاھىر بەگ

تاھىر بەگ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى تاھىر بەگ پىچان لۈكچۈنلۈك بولۇپ، ياش ۋاقتىدا خەنزۇچە (شۆتاڭ) ئوقۇغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ نەنجىڭگە بېرىپ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان. 1929 - يىلى سودىگەرچىلىك بىلەن موسكۋاغا بارغان. ئاپرىل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن شىنجاڭ مىللىي ئىشلار ھەيئىتىگە باشلىق بولغان. 1938 - يىلى زالىم شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تاھىر بەگ | UyghurWiki | UyghurWiki