ئابدۇنىياز كامال (سىجاڭ)
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇنىياز كامال تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان كۈنلەردە تۇرپاندا مەھمۇت سىجاڭ قىسىمىغا ئەسكەر بولۇپ كىرىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى قىسمى توقسۇن ئەتراپىدا ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا خىزمەت كۆرسىتىپ بەنجاڭ، ئۇششاقلىقىتىكى ئۇرۇشتا پەيجاڭ بولىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى قوشۇنى قەشقەرگە ئورۇنلىشىپ، ئاتلىق ئالتە دىۋىزىيە قىلىپ قۇرۇلغاندا، (بۇ دىۋىزىيەدە 31 -، 32 -، 33-، 34 - تۇەن دەپ ئاتالغان تۆت تۇەن بار ئىدى) ئابدۇنىياز كامال 33 - تۇەننىڭ 1 - ليەنىگە ليەنجاڭ بولىدۇ. 1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مەھمۇت مۇھىتى بىر بۆلۈم ئادەملىرى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتنىڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن 33- تۇەن يېڭىساردا، 34- تۇەن يەركەندە تۇرىدۇ. شېڭ شىسەينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق قۇربان نىياز شاھىدى باشچىلىقىدىكى 31 -، 32 - تۇەندىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم ئەسكەرلەر ۋە مۆيدىن تۇەنجاڭلار كاچۇڭغا بېرىپ، 33 -، 34 -، تۇەنگە قوشۇلىدۇ، كاچۇڭدا ئوفىتسېرلا يىغىنى ئېچىپ، ئابدۇنىياز كامالنى مەزكۇر قىسىمغا سىجاڭ، مۆيدىن تۇەنجاڭنى مۇئاۋىن سىجاڭ ۋە شىتاب باشلىقى قىلىپ ساقلايدۇ. ئابدۇنىياز كامال سىجاڭ بولغاندىن كېيىن پۈتۈن قىسىمنى تۆتكە بۆلۈپ دىۋىزىيە قۇرۇپ، ئۇنى 6 - دىۋىزىيە دەپ ئاتايدۇ ۋە 1 - تۇەننى يەركەننى ئىشغال قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. يەركەن ئىشىغال قىلىنغاندىن كېيىن سىجاڭ ئابدۇنىياز كامال يەركەندە باش شىتاب قۇرىدۇ. خوتەننى بېسىپ ياتقان 36 - دىۋىزىيە قوماندانى ماخوشەن بىلەن بىرلىشىپ، ئەسكەرلەرگە ئاق دوپپا كىيگۈزۇپ، بىلىكىگە «فې سەبىلىللا» دېگەن خەت يېزىلغان ئاق لاتىنى باغلاپ، 1937 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى شېڭ شىسەينىڭ قەشقەر يۇمىلاق شەھەردە تۇرۇشلۇق قۇربان نىياز سىجاڭ باشچىلىقىدىكى قىسىمغاقارشى ئۇرۇش باشلايدۇ. بۇ ئۇرۇش قەشقەر، مەكىت، مارالبېشى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا كېڭىيىدۇ. ئابدۇنىياز كامالنىڭ قىسىمى ئۇرۇش داۋامىدا قەشقەر يېڭىسارنىڭ سېدى دېگەن يېرىدە ۋە كەلپىن ناھىيىسىنىڭ سايۋاغ دېگەن يېرىدە شېڭ شىسەينىڭ ئىككى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىدۇ. شۇ كۈنلەردە سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىدىن شېڭ شىسەيگە ياردەمگە كەلگەن تانكا، ئايروپىلان، بىرونېۋىكلار بىلەن قوراللانغان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ ئوق - دورىسى تۈگەپ چېكىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئەسكەرلەر قېچىشقا باشلايدۇ. قالدۇق قىسمىنى ئابدۇنىياز تارقىتىۋىتىپ يەركەنگە چېكىنىدۇ ۋە 1937 - يىلى 10 - ئايدا بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى قىسىملىرى ئابدۇنىياز ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى سېزىپ قالىدۇ. شېڭ شىسەي قەشقەردە تۇرۇشلۇق قوماندانىغا ئابدۇنىيازنى قوغلاپ تۇتۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. ئىلگىرى ئۆزى بىلەن بىرگە ئىشلىگەن يۈسۈپ ليەنجاڭ ئابدۇنىيازنى قورشىۋالىدۇ. ئابدۇنىياز «يۈسۈپ ليەنجاڭ، بىر - بىرىمىزنى تۇتۇپ بېرىش، بىر - بىرىمىزنى قىرىشتەك يامان پەيلىمىز بىزنى خاراب قىلدى، خالىساڭ بىز بىلەن بىللە چىقىپ كەت، بولمىسا ئىختىيارىڭ» دەيدۇ. بۇ چاغدا يۈسۈپ ليەنجاڭ «مەن بۇيرۇق بىلەن كەلدىم» دەيدۇ. ئابدۇنىياز ئۆز قىسمىنىڭ قارشىلىقىنى چەكلەپ يان قورالىنى تاشلاپ بېرىپ «بىزنىڭ بۈگۈنىمىز، سېنىڭ ئەتەڭ» دەيدۇ. يۈسۈپ ليەنجاڭ ئابدۇنىيازلارنى قولغا ئېلىپ ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدۇ. ئابدۇنىيازنى ئايروپىلاندا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە ئابدۇنىياز شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنمىش).