بۇغدا ئابدۇللا
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر بۇغدا ئابدۇللا 1941 - يىل 11 - ئايدا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كېيىن ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلگەن، 1950 - يىلدىن 1965 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە مەكتەپ ئېلىپ قېلىنغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا يېزىقچىلىق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
بۇغدا ئابدۇللا ئەدەبىيات ساھەسىگە 1954 - يىلى سابىق <شىنجاڭ ياشلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <دېھقان قىزلىرى ھەققىدە قوشاق> ناملىق شېئىر بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى، بولۇپمۇ لىرىك شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئانا>، <تاغلارنى قۇچاقلاپ>، <تىيانشانغا>، <جۇڭغار يۇلتۇزىغا>، <تاش ئادەملەر>، <يۈرەك لىرىكىسى>، <چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانارگۈل> قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە شېئىرلارنى، <چوغلۇق> قاتارلىق باللادىلارنى؛ <مەلىكە ئاماننىسا>، <گۈلدەستىخان>، <يېتىم قىز ھەققىدە چۆچەك>، <ئاينىڭ كىچىك مېھمىنى> قاتارلىق داستانلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان.
بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرى تەسەۋۋۇرغا، پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە باي بولۇپ، ئاساسەن چاچما شېئىر شەكلىدە. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
بۇغدا ئابدۇللا يەنە يېزىقچىلىق نەزەرىيىسى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ، بەزى ماقالىلەرنى، جۈملىدىن <يېزىقچىلىق بىلىمى ئاساسلىرى> ناملىق كىتابنى يازغان.
بۇغدا ئابدۇللانىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <باھار غۇنچىلىرى> (1978 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <يەلكەن> (1983 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانارگۈل> (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <قىز قەلئەسى> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر مۇنچە شېئىرلىرى بەزى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
بۇغدا ئابدۇللا ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى.